Uyghur主要词典
ئۆلۈش
بىئولوگىيە
ئورگانىزمنىڭ ھاياتلىق ھەرىكىتى ۋە مېتابولىزمنىڭ ئەسلىگە قايتماي ئاخىرلىشىشى ئۆلۈش دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈشى قېرىشتىن بولغان فىزىئولوگىيىلىك ئۆلۈش ياكى تەبىئىي ئۆلۈش؛ كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈش؛ كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر ياكى باشقا ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئورۇنسىز ئۆلۈش قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ. ئۆلۈش جەريانىنى كېلىنىكىلىق ئۆلۈش ۋە بىئولوگىيىلىك ئۆلۈشتىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. كلىنىكىلىق ئۆلۈش رېفلېكىس يوقىلىش، يۈرەك سوقۇش ۋە نەپەس ئېلىش، توختاش، بىراق ئورگانىزمنىڭ توقۇلما ۋە ھۈجەيرىلىرى يەنىلا ئاجىز مېتابولىزمنى ئېلىپ بېرىش، جىددىي قۇتقۇزۇۋېلىنسا ھاياتىنى ئەسلىگە قايتۇرۇش ئېھتىماللىقى بولغان ئۆلۈشنى كۆرسىتىدۇ. بىئولوگىيىلىك ئۆلۈشتە يۈرەكنىڭ سوقۇشى توختاپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن بەدەننىڭ ھەرىكىتىنى تەڭشەيدىغان نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ئىقتىدارىنى مەڭگۈ يوقىتىپ، ئورگانىزمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭا، كىشىلەر مېڭىنىڭ ئىقتىدارى ئەسلىگە كەلمەيدىغان دەرىجىدە يوقالغان ۋاقىتنى ئورگانىزمنىڭ ئۆلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى قىلىدۇ. ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى مىسال قىلغاندا، ئۆلۈشتىن بۇرۇن ئەۇ دەسلەپتە كۆرۈلىدىغان بەلگە يۈرەكنىڭ سوقۇشى توختايدۇ. بىراق نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئۆلۈشتىن بۇرۇن بۇ خىل ئەھۋالنى ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولىدۇ. يۈرەك سوقۇشتىن توختىغاندىن كېيىن، بەدەندىكى باشقا ھۈجەيرىلەر قان ئېلىپ كېلىدىغان ئوكسىگېنغا ئېرىشەلمەي ئارقا - ئارقىدىن ئۆلىدۇ. ئوكسىگېن يېتىشمىگەندە نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ئەڭ بۇرۇن ئۆلىدۇ. بەزى تېرە ھۈجەيرىلىرى نىسبەتەن ئۇزۇنراق ۋاقىتتىن كېيىن ئۆلىدۇ