ئېفىرⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[تىل تەۋەلىكى:]]رۇسچە>گرېكچە[[كەسىپ تۈرى:]>فىزىكا<[يەشمىسى:] بۇرۇن ئالەم بوشلۇقىدا مەۋجۇت بولىدۇ، دەپ پەرەز قىلىنغان، يورۇقلۇقنى تارقىتىدىغان بىر خىل ئېلاستىك مۇھىت.مىلادىيە XX ئەسىرنىڭ باشلىرىدا مەيدان ھەققىدىكى تەتقىقاتلار، يورۇقلۇقنىڭ تارقىلىشى ۋە بارلىق ئۆزئارا تەسىرلەرنىڭ ئۇزىتىلىشى ھەر خىل مەيدانلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى پۈتۈنلەي مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇنىڭ بىلەن ئېفىر كونىراپ كەتكەن ئۇقۇم سۈپىتىدە قالدۇرۇلدى.