Uyghur主要词典
ئېففېكتور
پسىخولوگىيە
بۇ رېفلېكس ياسىنىڭ ئاخىرقى ھالقىسى بولۇپ، مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىن كەلگەن ئىمپۇلىسنى قوبۇل قىلىپ رېفلېكس پائالىيىتىنى تاماملايدىغان ئەزا. يەنى ئىنكاس پائالىيىتىنى ئىجرا قىلغۇچى ئورگان. ئېففېكتور ئورگانىزمنىڭ ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىدىغان ئىشىكى ھېسابلىنىدۇ. ئېففېكتور بىر قانچە خىل بولىدۇ. مېخانىك ئېففېكتور (مۇسكۇل، تالا، قىل ئاياغ»، توكلۇق ئېففېكتور )توكلۇق ئەزا(، نۇر ئېففېكتورى )نۇر چىقىرىدىغان ئەزا(، خىمىيىۋى ئېففېكتور )بەزلەر(. مۇسكۇل بىلەن بەز ئەڭ مۇھىم ئېففېكتوردۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
بىئولوگىيە
رېفلېكس يايىنىڭ ئاخىرقى ھالقىسى. مەركەزدىن چىققۇچى نېرۋىنىڭ ئىمپۇلىسىنى قوبۇل قىلىپ ئالاھىدە ھەرىكەت پەيدا قىلىدۇ. مەسىلەن، قىسقىراش ياكى ئاجرىتىپ چىقىش قاتارلىقلار. مۇسكۇل توقۇلمىسى ۋە بەزلەر ئېففېكتورلاردۇر.