Uyghur主要词典
ئېفىگېنىيە
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى يۇنان رىۋايەتلىرىدىكى ئاگامېمنوننىڭ قىزى. مىكناي پادىشاھى ئاگامېمنون بىلەن كلىتا ئېمىنېسترادىن تۇغۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاگامېمنون يۇنا بىرلەشمە قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئولىس (ئوتتۇرا يۇناندىكى بېئوتىيىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا) پورتىدىن تروياغا يۈرۈش قىلماقچى بولغاندا، ئوۋچىلىق خۇداسى ئارتېمىس تۇيۇقسىز بوران چىقىرىپ، ئۇرۇش كېمىلىرىنى سەپەرگە چىقالمايدىغان قىلىپ قويغان، ئاگامېمنون ئىفىگېنىيەنى ئارتېمىسقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلغاندا بوران ئاندىن تىنچىغان، يەنە بىر رىۋايەتكە قارىغاندا، ئارتېمىس ئىفىگېنىيەگە ئىچ ئاغرىتىپ، بىر كىچىك مارالنى ئۇنىڭ ئورنىدا قۇربانلق قىلغان ھەمدە ئۇنى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى تاۋرىلار دۆلىتىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇنى ئارتېمىس ئىبادەتخانىسىغا ئايال كاھىن قىلغان. يۇنان تراگېدىيە يازغۇچىسى ئېئورىپىدېس يازغان <ئېفىگېنىيە ئولىستا> ۋە <ئىفىگېنىيە تاۋىلار ئارىسىدا> دا ئىفىگېنىيە توغرىسىدىكى يۇقىرىقى ھېكايىلەر تەسۋىرلەنگەن.