Uyghur主要词典
ئېفېدرىن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
خىمىيە
بىرخىل دورا، يەنى ئورگانىك بىرىكمە. مولېكۇلا فورمۇلىسى C6H5CHOH.CH(CH3).NH.CH3. ئۇ چاكاندىدىن ئاجرىتىپ ئېلىنغان بىرخىل بىئولوگىيىلىك ئاساس بولۇپ، ئاق رەڭلىك كرىستال ھالىتىدە كېلىدۇ، نېرۋا تۈگۈنىنى قوزغىتىش، نەپەس يولىنىڭ سىلىق مۇسكۇلىنى بوشىتىش، قان بېسىمىنى ئۆرلىتىش، ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ قىمىلدىشىنى ئاجىزلىتىش قاتارلىق روللارغا ئىگە. كلىنىكىدا دەم سىقىلىش كېسىلى، بۇرۇن شىللىق پەردىسى ياللۇغى ۋە يەلتاشما قاتارلىقلارنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.