Uyghur主要词典
ئېقى كېلىشمەسلىك
شىۋىلەر
مىجەزى كېلىشمەسلىك.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
مىجەزى - خۇلقى كېلىشمەسلىك، بىر - بىرى بىلەن چىقىشالماسلىق، بىر - بىرىنى ياقتۇرماسلىق: بۇ ئولتۇرۇشقا ئېقى كېلىشمەيدىغان بىرەرى كېلىپ قالسا، ئىشنىڭ ئوخشىغىنى شۇ - دە.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
مىجەز - خۇلقى كېلىشمەسلىك، بىر - بىرى بىلەن چىقىشالماسلىق، بىر - بىرىنى ياقتۇرماسلىق: بىز بىر - بىرىمىزگە كۆيۈپ - پىشىپ، جاپا تارتىشىپ يۈرۈپ ئاران مۇرادىمىزغا يەتكەنلەر بولساق، ئىككى ئاي بىر ئۆيدە ياشاش بىلەن ئېقىمىز كېلىشىمىگىلى تۇردى.