Uyghur主要词典
ئېقىم
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قاتتىق سوغۇق، شىۋىرغان.
ئورغاققا ئۇزاتقان قول كۆپ بولسا قۇت، تاۋاققا ئۇزاتقان قول كۆپ بولسا جۇت. جېنڭغا جۇت كىرسۇن. قالپىقىنى جۇت قىچقىرىدۇ، كالپۇكى يەر سۈپۈرىدۇ. تاغاقسىدا جۇدۇن كۆپ بولىدۇ. بېلىقچىقۇش بوران _ چاپقۇندىن قورقماس. ھاۋا رايى ئىستانىسسى، ئەتە سوغۇق ئېقىم كىرىدۇ، دەپ ئالدىن مەلۇمات بەردى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىن ۋە سىياسىي قاراشلاردا ئۆز ئالدىغا مەلۇم تەشەببۇسلار بىلەن چىققان بۆلەك.
ئىسلام دىنىنىڭ مەزھەپلىرى كۆپ. ئەڭ چوڭلىرى سۈننىي، شىيەلەردۇر. ياۋروپادا يېڭى پەلسەپىۋى ئېقىملار پات - پاتلا پەيدا بولۇپ قالىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
مەلۇم بىر تەرەپكە ئېقىۋاتقان سۇ، سۇيۇقلۇق، زەررىچە، گاز ۋە شۇ قاتارلىق نەرسىلەر جەريانى.
چوڭ ئېقىم. ئېلېكتر ئېقىمى، تارماق ئېقىم، ئىسسىق ئېقىم، ھاۋا ئېقىمى، سوغۇق ئېقىم
شۇنداق جەريان يۆنەلگەن تەرەپ؛ يۆنىلىش.
بىر كۈنى كېمە شاڭخەيدىن سۇنىڭ ئېقىمىغا قارشى مېڭىپ ۋۇخەنگە قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا تۇراتتى.
كۆچمە. ئىجتىمائىي پائالىيەت، ئىلىم - پەن، نەزەرىيە ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ بىرەر ساھەسىدىكى يۆنىلىشى، قاراش.
پىكىر ئېقىمى، ئېقىم مەسىلىلىرى، سىياسىي ئېقىم، ئېقىمغا قارشى تۇرماق.