Uyghur主要词典
ئەخلاقىي كاتىگورىيە
پسىخولوگىيە
ئەخلاق سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئاساسىي ئەخلاق ئۇقۇملىرىدىن ئىبارەت. ئۇلاردىن ئەڭ مۇھىملىرى ئەخلاقىي بۇرچ، ۋىجدان، شان _ شەرەپ، بەجت، ئىپپەتقاتارلىقلار. ئەخلاقىي كاتىگورىيە ئەخلاقىي مۇناسۋەتلەر ئىنكاسى بولۇپ، ئۇنى ئەخلاقىي پرىنسىپ ۋە ئەخلاقىي قېلىپلار چەكلەپ تۇرىدۇ، ھەمدە گەۋدىلەنگەن ئەخلاقىي پرىنسىپ ۋە ئەخلاقىي قېلىپلار قارىمۇ قارشى كاتىگورىيىلەردىن پەرقلەندۈرۈشنىڭ ئۆلچىمى ۋە چېكى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەخلاقىي كاتىگورىيە مۇئەييەن ئوبيېكتىپ، تاشقى ئەخلاقىي تەلەپلەرنىڭ سۇبيېكتىپ، ئىچكى ئەخلاقىي تەلەپكە ئايلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇمۇ كىشلەرنىڭ ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت ھېسياتى ۋە ئەخلاقىي باھا قابىلىيىتى جەھەتلەردىن سۆز ھەرىكىتىنى تەڭشەپ، كىشلەرنى مۇئەييەن ئەخلاقىي پرىسىپ ۋە ئەخلاقىي قېلىپقا رىئايە قىلىدىغان قىلىش بىلەن ئەخلاقىي پرىنسىپ ۋە ئەخلاقىي قېلىپنىڭ زۆرۈر تولۇقلىمىسىغا ئايلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ئەگەر بارلىق ئەخلاقىي مۇناسۋەتلەر، بىر تور بولسا، ئەخلاقىي پرىنسىپ بىلەن ئەخلاقىي قېلىپ تورنىڭ تالاسى، ئەخلاقىي كاتىگورىيە ئۇ تورنىڭ تۈگۈنلىرىدۇر. ئېلىمىزنىڭ مەكتەپلىرىدە ئەخلاقىي تەربىيە ئېلىپ بېرىشتا، ئۆسمۈر ۋە ياشلىرىمىزنى سوتسىيالىستىك ئەخلاقىي پرىنسىپ ۋە قېلىپلارغا رىئايە قىلىدىغان قىلىپلا قالماي، بەلكى ئۆسمۈر ۋە ياشلىرىمىزغا مۇشۇ پرىنسىپ ۋە قېلىپلار گەۋدىلەنگەن كاتىگورىيلەرنى ئىگىلىتىپ، ئۇلارنىڭ ئەخلاقىي ھەرىكەتلىرىنى تەڭشەپ تۇرىدىغان مۇھىم ئامىلغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.