Uyghur主要词典
ئەخلاقىي باھا قابىلىيىتى
پسىخولوگىيە
ئەخلاقىي بىلىمنى تەتبىقلاپ، ئەخلاقىي ھەرىكەتلەرنى ئانالىز قىلىش ۋە ھۆكۈم قىلىش قابىلىيىتىدىن ئىبارەت. ئوقۇغۇچىلارنىڭ باھاسىنى تەكرارلاشتىن ئۆزى مۇستەقىل باھا بېرىدىغان، ئاساسەن ھەرىكەت نەتىجىسىنى ئانالىز قىلىشتىن ھەرىكەت سەۋەبىنى ئانالىز قىلىدىغان، باشقىلارغا باھا بېرىشتىن ئۆزىگە باھا بېرەلەيدىغان بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي باھا قابىلىيىتىنىڭ سەۋىيىسى تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسى ۋە ئەخلاقىي تەلەپلەرنى چۈشىنىش چوڭقۇرلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.