Uyghur主要词典
ئەخلاقىي باھا
پسىخولوگىيە
بۇ « ئەخلاقىي ھۆكۈم » دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەخلاق توغرىسىدىكى بىلىملەرنى تەتبىقلاپ، ئەخلاقىي ھەرىكەتلەرنىڭ ياخشى _ يامان، سەت _ چىرايلىق تەرەپلىرىنى ئانالىز قىلىپ ھۆكۈم قىلىش جەريانى ئەخلاقىي باھا دېيىلىدۇ. ئۇ ئۆز _ ئۆزىگ باھا ۋە جامائەت پىكرىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. ئەخلاقىي باھا كىشىنىڭ ئەھۋالىنى ئانالىز قىلىش ۋە ئەقىلگە مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشنى بەلگىلەش قابىلىيىتىنى يۈكسەلدۈرىدۇ. بۇ ئەخلاقىي بىلىمنى كىشىنىڭ ھەرىكىتىنى تەشكىللەيدىغان ئاڭلىق كۈچكە ئايلاندۇرىدۇ.