Uyghur主要词典
ئەخلاقىي ھەرىكەت
پسىخولوگىيە
كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىي بىلىش تەسەۋۋۇرى ھەم ئەخلاقىي پەزىلىتىنىڭ تاشقى كونكرېت ئىپادىسى ۋە ئەخلاقىي مۇددىئانى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەدبىرى. بۇ ئاساسەن مەشق ياكى ئەمەلىيەت ئارقىلىق ھەرىكەت ماھارىتىنى ئىگىلەش ۋە ئادەتلىنىش يولى بىلەن شەكىللىنىدۇ. ئەخلاقىي ھەرىكەتلەر تەلىم - تەربىيىسى ئەخلاقىي ھەرىكەت ئۇسۇلىنى ئىگىلەش؛ ئەخلاقىي ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش؛ ئەخلاقىي ئىرادىنى تاۋلاش قاتارلىق ئۈچ جەھەتتىن ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەخلاقىي ھەرىكەت تەلىم - تەربىيىسى ئەخلاقىي تەسەۋۋۇرىنىڭ شەكىللىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەخلاقىي ھېسسىياتنى يۈكسەلدۈرىدۇ.