Uyghur主要词典
ئەل ئەخبارىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىراندىكى ئون ئىككى ئىماچىلارغا مەنسۇپ بولغان فىقھە ئېقىملىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ سۆزنىڭ مەنىسى <ئەھلى ھەدىس > دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ ئېقىم17 - ئەسىرنىڭ باشلىرى بارلىققا كەلگەن. سەفەۋىيە سۇلالىسى دەۋرىدە ئون ئىككى ئىمامچىلارنىڭ ئىچىدىكى ئاساسىي ئېقىم بولۇپ، قەجەر خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە ئەل ئۇسۇلىيە ئۇنىڭ ئورنىنى ئالغان. يېڭى قۇرۇلغاندا بۆلگۈنچىلىك تۈسىدىكى ئىدىيىۋى ھەرىكەت بولۇپ، ئالاھىدىلىكى ئەقىل - پاراسەتنى ئىلمىي فىقھەنىڭ ئاساسى قىلىشنى رەت قىلىشتىن ئىبارەت بولدى. ئەقلىي تەپەككۇرنى شىئە مەزھىپى ئەقىدىسىنىڭ ئاساسى قىلىشنى ئىنكار قىلىپ، سۈننىي مەزھىپىدىكى ئەشئەرىيەگە مايىل بولدى. فىقھە مەنبەسىدە <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىستىن ئىبارەت ئىككى مەنبەنى ئېتىراپ قىلدى. <قۇرئان كەرىم> نى ھەدىستىكى قاراشلار بويىچە تەپسىر قىلىش كېرەك، دەپ قارىدى. ھەدىسلەرنىڭ مەنبەسى ۋە مەزمۇنىنىڭ ئىشەنچلىك بولۇش - بولماسلىقى بىلەن ھېسابلاشماي، تۆت ھەدىس شېرىپكە كىرگۈزۈلگەنلىرىگە قاتتىق ئىشەندى. يەشمە مەنىسىدە ئىمامنىڭ يەشمىسىنى ئاساس قىلىپ، قۇرئان ۋە ھەدىسنى مەنبە قىلغان فىقھە بىلىملىرى ئىدراكنى مەنبە قىلغان فىقھە بىلىملىرىدىن مەڭگۈ ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەندى. فىقھە پرىنسىپىدا ئىجتىھادنىڭ ئورنىنى ۋە رولىنى ئىنكار قىلىپ، ئىمام رىۋايەت قىلغان ھەدىسلەرنى ئەھكام چىقىرىش ۋە ئەھكامنى ئىجرا قىلىشنىڭ ئاساسى قىلىشقا بولىدۇ. ھەممە ھۆكۈم ۋە پەتىۋالاردىمۇ شۇنى ئاساس قىلىش كېرەك، دەپ قارىدى. فەقىھلەرنىڭ ئورنى ۋە رولى جەھەتتە كىشىلەردە ئىمامغا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى بولىدىغانلىقىغا، مۇجتەئىدلەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. شۇڭا فىقھە ئىشلىرىدا، مۇجتەئىدلەردىن دىنىي ياردەم سوراشنى مەنئى قىلدى. مۇجتەئىدلەر بىۋاستە تۇيغۇسى ۋە سىرلىق تەسىراتلىرى ئارقىلىق مۇقەددەس فىقھە بىلىملىرىنى چۈشەنسە بولىدۇ. لېكىن، خالىغىنىچە پەتىۋا چىقىرىشقا بولمايدۇ، ئىمامنىڭ ھۆكۈمىگە، جۈملىدىن ۋاپات بولغان ئىمامنىڭ ھۆكۈمىگە ئىتائەت قىلىشى لازىم، دەپ قارىدى.