Uyghur主要词典
ئەل ئۇسۇلىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
يېقىنقى زامان ئىراننىڭ شىئە مەزھىپىدىكى ئون ئىككى ئىمامچىلارغا مەنسۇپ تارماق فىقھە ئېقىملىرىدىن بىرى بولۇپ، ⅧⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بارلىققا كەلگەن. بۇ ئېقىم ئەقىدە، ئىلمىي فىقھە جەھەتتە <قۇرئان كەرىم>،ھەدىس، ئىجمائ، ئىدراك شەرىئەتنىڭ تۆت مەنبەسى ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسى ھەمدە <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىستىكى ئېنىق ئايەت ۋە سۆزلەرنى ئەھكام چىقىرىشنىڭ ئاساسى، دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. فىقھە پرىنسىپىدا ئىجتىھادنىڭ ئەھمىيىتىگە ۋە رولىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ. فىقھەنى ئىجرا قىلغاندا ئەمەل قىلىدىغان ئېنىق ئايەت ياكى ھەدىس بولمىغاندا، ئەقلىي پەرەز بىلەن يەكۈن چىقىرىشقا بولىدۇ، دەپ قارىدى. فىقھە بىلىملىرىنى ئىمامنىڭ تەربىيىسىنى بىۋاستە ئاڭلىغان ئادەملەرنىڭ چۈشىنەلەيدىغانلىقىغا، ئىمام <غايىب بولغان> مەزگىلدە ئىمامنىڭ ۋەكىلى مۇجتەھىدنىڭ ئىجتىھاد قىلىشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىغا، مۇجتەھىد ئىدراك ئارقىلىق پەتىۋا چىقىرىدىغانلىقىغا ئىشەندى. فەقىھلەرنىڭ ئورنى ۋە رولى جەھەتتە كىشىلەرنى مۇجتەھىدلەر (يېتەكلىگۈچىلەر) ۋە مۇقەللىدلەر (ئەمەل قىلغۇچىلار) غا ئايرىپ، <قۇرئان كەرىم> ۋە ھەدىستىكى فىقھە بىلىملىرىگە پىششىق مۇجتەھىدلەرنى بىلىمسىز كەڭ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي داھىيىسى، ئۇنىڭ ھۆكۈمگە بويسۇنۇش ئىمامغا بويسۇنۇشقا ئوخشاش بولىدۇ. لېكىن، ئۆز زامانىسىدىكى مۇجتەھىدلەرنىڭ ھۆكۈمىگە بويسۇنۇش كېرەك. ۋاپات بولغان مۇجتەھىدنىڭ ھۆكۈمى كېيىنكىلەرنى چەكلىيەلمەيدۇ، دەپ قارىدى. ئۆز زامانىدىكى دىنىي داھىينىڭ يېتەكچىلىك رولىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بۇنداق دىنىي، سىياسىي تەلىمات ئەمەلىيەتتە ئىراننىڭ پادىشاھ ھوقۇقىنى چەكلەش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئىراندىكى شىئە مەزھىپى ئەقىدىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ قالدى. كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئىدىيىۋى قوراللىرىنىڭ بىرى بولدى.