Uyghur主要词典
ئەل ئەشئەرى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەنئەنىچى مۇتەكەللىمۇن. ماتۇرىدى، تەھاۋى بىلەن ئەنئەنىۋى ئىلمىي تەۋھىدكە ئاساس سالغان ئادەم. بەسرەدە دۇنياغا كېلىپ، باغداتتا ئالەمدىن ئۆتتى. ئەسلىي بەسرەدىكى مۇئتەزىلىيە مەزھىپىگە مەنسۇپ مۇتەكەللىمۇن جۇببائىنىڭ شاگىرتى ئىدى. كېيىن ئەنئەنىچىلەر بىلەن مۇئتەزىلىيەلەرنى ياراشتۇرۇشقا تىرىشىپ، بىر قىسىم راتسىئونالىزملىق ئاساسلار بىلەن ئەنئەنىچىلەرنىڭ ئەقىدىسنى دەلىللىگەنلىكتىن، مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ رەقىبى بولۇپ قالدى. دۇنيانىڭ مەڭگۈلۈك ۋە قانۇنىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. <ئاللا ھەممىگە قادىر، ئاللا جىمى مەۋجۇداتنى ياراتقۇچىدۇر>؛ ئاللانىڭ ئىرادىسى، دۇنيانى يارىتىپلا قالماستىن، بەلكى ھەممىگە ئۈزلۈكسىز قوماندانلىق قىلىپ تۇرىدۇ. شەيئىلەردىكى سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىدە ھېچقانداق مۇقەررەر باغلىنىش بولمايدۇ. قانۇنىيەت بولسا ئاللانىڭ تەبىئەت دۇنياسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى <ئادىتى> ۋە <نورمال ھالەت> تۇر. ئاللا ئۇنى خالىغىنىچە ئۆزگەرتىۋېتەلەيدۇ. مۆجىزە يارىتالايدۇ، دەپ تەشەببۇس قىلدى. ئىنساننىڭ ئەقلىي ئاللانىڭ چىنلىقىنى تونۇيدىغان قورال بولالايدۇكى، ئادەمنى بىلىمگە ئىگە قىلالمايدۇ. <قۇرئان كەرىم> ئاللانىڭ مەڭگۈلۈك تىلىدۇر، دەپ قارىدى. مۇئتەزىلىيەگە ھۇجۇم قىلىدىغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى. ئاساسلىق ئەسىرى <ئسلام ئىلمى ئېقىملىرىنىڭ ئەسەرلىرى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. دەسلەپ مۇئتەزىلىيەلەرنىڭ شاگىرتى بولۇپ، كېيىن بۇ مەزھەپتىن يۈز ئۆرۈپ ئەنئەنىۋى ئېتىقادىنى ئاقلىغانلىقى ئۈچۈن، ھەنبەلىيە تەرىپىدىن ئەيىبلەندى. بىر ئەسىردىن كېيىن، <ئەنئەنىۋى ئىسلام ئەقىدىسى جەھەتتىكى ئەڭ چوڭ نوپۇز ئىگىسى> ۋە ئىسلام ئىلمى كالامنىڭ ئاساسچىسى، دەپ ئېتىراپ قىلىندى. بۇ تەلىماتنى تەشەببۇس قىلغان ئەشئەرىچىلەر <مۇتەكەللىمۇن> دەپ ئاتالدى.