Uyghur主要词典
ئەل
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . مەملىكەت، ئۇلۇس.
غەرب ئەللىرى، قوشنا ئەللەر، چەت ئەل.
2 . يۇرت - جامائەت، كۆپچىلىك. ئەل قاتارى، ئەل ئارىسىدا، ئەل ئاغزىدا، ئەل ئايىغى بېسىلغاندا. * ئەلگە كىرسەڭ ئېلىڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە (ماقال). * ئەلنىڭ قۇلىقى ئالتە (ماقال). * ئەل بىلەن ئۆلۈم بەجايىكى توي (ماقال). * ئەلگە قوشۇلساڭ ئەر بولىسەن، ئەلدىن ئايرىلساڭ يەر بولىسەن (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل.
1 . قارىماق، بويسۇنماق.
ئۇلار ئاخىرى بىزگە ئەل بولىدۇ.
2 . تەسلىم بولماق. دۈشمەن ئەل بولمىسا، تەلتۆكۈس يوقىتىش كېرەك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
خەلق، جامائەت، ئامما؛ دۆلەت، مەلىكەت، يۇرت، قول.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر مەملىكەت، يەرنىڭ ئاھالىسى، ئادەملەر توپى.
خەلقنى خارلىغان بىلەن دوست بولغان ئۆزىمۇ خار بولار. خەلقنىڭ ئوي _ پىكرى يەردىنمۇ قېلىن. ئەلنى يىغلاتقان كۈلمەس. ئەلگە كىرسەڭ ئېلىېڭچە، سۇغا كىرسەڭ بېلىڭچە.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر ئەجدادتىن تارقالغان، قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەر توپى.
ياخشى قوۋم يامان ناخشا ئېيتماس. ئۆز ئېلىڭنىڭ بېشى بولساڭمۇ سايىدىكى تېشى بول. ئەلگە كىرگىن ئېلىڭچە، سۇغا كىرگىن بېلىڭچە. ئۆز ئۇرۇقىغا تارتمىغان ئۆزىنى ئورۇنسىز ياشىدىم دېسۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم چېگرا بىلەن ئورالغان، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تېررىتورىيە.
<دۆلەت> تېررىتورىيە دائىرىسىدىكى <ھاكىمىيەت> مەنىسىدە كېلىدۇ.
مەملىكەت ئىستىسەڭ ئادىل يولنى تۇت، بولمىسا سەن ئۇنداق ھەۋەسنى ئۇنۇت. دۆلەت شېئىرى: دۆلەت گېربى: دۆلەت بايرىقى؛ دۆلەت باشلىقى. دۆلەتنى قوغداش ھەر بىر پۇقرانىڭ مۇقەددەس بۇرچى. ئەل ئەلدىن قالسا، ئەرگە نومۇس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەر، مەملىكەت.
<ۋەتەن> دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئۆز مەملىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.
<ئەل> تۇغۇلغان يەر ۋە شۇ يەرنىڭ ئاھالىسىنى كۆرسىتىدۇ.
<يۇرت> تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ياكى ئۇزاق تۇرغان يەر.
<دىيار> ئومۇمەن مەملىكەت، يۇرت.
<قەدىم جاي> ئاتا - ئانىس
ۋەتەننى سۆيۈش - ھەربىر پۇقرانىڭ مەجبۇرىيىتى. كىمكى پايدا ئىزدەپ ۋەتەندىن كېتەر، خانىۋەيران بولۇپ ئۆتەر. ئەلگە باققان خار ئەمەس. ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى رويۇڭ سامان بولماس. دىيارى يوقنىڭ دىدارىغا قارىما. قەدىم جايغا بېرىپ كېلەي دەيمەن.
شىۋىلەر
غۇلجا شىۋىسى
چاما، ئىمكانىيەت، ئامال. مەسىلەن: ئەلىمنىڭ كېلىشىچە ئىشلەيمەن.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
<ئىل> گە قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر جاينىڭ ئادەملىرى، ئاھالىسى، خەلقى.
ئەلنىڭ قۇلىقى ئەللىك (ماقال).
يۇرت، دىيار، مەملىكەت.
چەت ئەل.
بىرەر قەبىلىگە مەنسۇپ ئادەملەر؛ قەبىلە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
سۈپىتى، پەزىلىتى جەھەتتىن ئەڭ ياخشى، ئەڭ يۇقىرى؛ ئېسىل.
ئەلا سۈپەت. ئەلا سورت * يۈز ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا (ماقال).
مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلمىي نەتىجىسىنى كۆرسىتىدىغان ئەڭ يۇقىرى باھا.
ئەلا نەتىجە. ئەلا ئوقۇغۇچى.
ئەر ۋە ئاياللارنىڭ ئىسمى.