Uyghur主要词典
ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەندىكى سىللا دۆلىتى ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىنىڭ ئالىي كېڭىشى. ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىكى ئۇرۇق باشلىقلىرى كېڭىشىدىن كېلىپ چىققان. تەبىقىە تۈزۈمى ئاستىدا، ئىككىنچى تەبىقىدىكى ئاقسۆڭەكلەر - <ھەقىقىي ئاقسۆڭەكلەر> دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مۇھىم دۆلەت ئىشلىرىنى ۋە پادىشاھنى سايلاپ چىقىشنى قارار قىلاتتى، قارارغا ھەممە ئەزالار بىردەك قوشۇلۇشى كېرەك ئىدى. بىر كىشى باشقىچە پىكىردە بولسا ئەمەلدىن قالدۇرۇلاتتى. كورىيە دەۋرىدىكى مەركىزىي كېڭەش مەھكىمىسى، لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى كېڭەش ھۆكۈمىتى قاتارلىقلار سىللا دەۋرىدىكى بۇ تۈزۈمنىڭ داۋاملىشىشىدىن ئىبارەت.