Uyghur主要词典
ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى
دۇنيا تارىخى
1869 - 1947-يىللاردىكى ياپونىيىدىكى پادىشاھ جەمەتىدىن باشقا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئومۇمى نامى. ئەسلىدە ئوردا تۆرىلىرىدىن سېكا جەمەتى (سانجو، سايئونجى، توكودايجى قاتارلىق توققۇز جەمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى كۆرسەتكەن. 1869-يىلى 6-ئايدا، مېيجى ھۆكۈمىتى ھەرقايسى ۋاسساللارنى زېمىن ۋە ئاھالىنى قايتۇرۇپ بېرىشكە بۇيرۇپ ھەمدە كونا تۆرە، كونا چوڭ خوجىلارنى بىردەك ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى دەپ ئاتاشقا ئۆزگەرتكەن. 1884-يىلى 7-ئايدا، <ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى پەرمانى> نى جاكارلاپ كونا ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىدىن باشقا يېڭىلىققا كۆچۈشنىڭ ئالدى - كەينىدىكى <تۆھپىكارلار> نى، يەنى يېڭى ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىگە ئائىلە ۋە تۆھپىسىگە قاراپ كىنەز، ماركىز، گراف، ۋىكونت، بارون قاتارلىق بەش دەرىجىلىك ئۇنۋان بەرگەن 1907-يىلىدىن باشلاپ پادىشاھ جەمەتىدىن ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىگە چۈشۈرۈلگەنلەرنىمۇ بۇنىڭغا قوشقان. 1939-يىلى مەملىكەت بويىچە جەمئىي 19-كىنەز، 41 ماركىز، 109 گراف، 370 سىكونت، 406 بارون بولغان. ئاقسۆڭەكلەر جەمەتى پادىشاھ جەمەتىدىن تۆۋەن، سامۇرايلار جەمەتىدىن يۇقىرى بولۇپ، بىرمۇنچە ئىمتىيازغا ئىگە بولغان. ئىككىنچى دۇناي ئۇرۇشىدىن كېيىن 1947-يىلى بىكار قىلىنغان.