Uyghur主要词典
ئاقسۆڭەكلەر ئىتتىپاقى
دۇنيا تارىخى
1565-يىلى نېدېرلاند ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشقان ئىتتىپاق. ئىسپانىيە كورۇلى فىلىپ Ⅱ نىڭ نېدېرلاندقا يۈرگۈزگەن ئىستىبداتلىق ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. 1566-يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، مەزكۇر ئىتتىپاق باش ۋالىي مارگاېتقا مۇراجىئەتنامە يوللاپ، دىنىي سوتىنىڭ ھەرىكەتلىرىنى توختىتىپ، نېدېرلاندىيىنىڭ تېخىچە بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئىمتىيازىنى ساقلاپ قېلىشنى، ئۈچ دەرىجىلىكەر يىغىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلغان. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈپ جاۋاب بەرمىگەن. ئىتتىپاق ئاستا - ئاستا كالۋىنچى بۇرژۇئازىيە بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. 1566-يىلى مۇقەددەس بۇتلارنى چېقىش ھەرىكىتى پارتلىغاندىن كېيىن، ئىتتىپاق خەلق ئاممىسىنىڭ قوزغىلىپ كېتىشىدىن قورقۇپ، مارگارېت بىلەن مۇرەسسە قىلىپ، ئۆزلۈكىدىن تارقىلىپ كەتكەن.