Uyghur←Chinese主要词典
ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشى
دۇنيا تارىخى
和白
hé bái
چاۋشيەندىكى سىللا دۆلىتى ئاقسۆڭەكلەر سىنىپىنىڭ ئالىي كېڭىشى. ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىكى ئۇرۇق باشلىقلىرى كېڭىشىدىن كېلىپ چىققان. تەبىقىە تۈزۈمى ئاستىدا، ئىككىنچى تەبىقىدىكى ئاقسۆڭەكلەر - <ھەقىقىي ئاقسۆڭەكلەر> دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، مۇھىم دۆلەت ئىشلىرىنى ۋە پادىشاھنى سايلاپ چىقىشنى قارار قىلاتتى، قارارغا ھەممە ئەزالار بىردەك قوشۇلۇشى كېرەك ئىدى. بىر كىشى باشقىچە پىكىردە بولسا ئەمەلدىن قالدۇرۇلاتتى. كورىيە دەۋرىدىكى مەركىزىي كېەش مەھكىمىسى، لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى كېڭەش ھۆكۈمىتى قاتارلىقىلار سىللا دەۋرىدىكى بۇ تۈزۈمنىڭ داۋاملىشىشىدىن ئىبارەت.
تارىخ
贵族委员会
guì zú wěi yuán huì