Uyghur主要词典
ئانالىزاتور
پسىخولوگىيە
بۇ پاۋلوپچىلارنىڭ فىزىئولوگىيە ئاتالغۇسى. بۇ ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ مەلۇم تەسىرنى قوبۇل قىلىپ ئانالىز قىلىدىغان بىرپۈتۈن فۇنكسىيە سىستېمىسىدۇر. بۇ مۇنۇ ئۈچ قىسىمدىن تۈزۈلگەن: (1) سىرتقى قىسىم (رىتسېپتور)، غىدىقلىغۇچىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ، نېرۋا ئىمپۇلسىغا ئايلاندۇرىدۇ؛ (2) ئۇزاتقۇچى نېرۋىلار (مەركەزگە ئىنتىلگۈچى نېرۋا ۋە مەركەزدىن قاچقۇچى نېرۋىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىر تەرەپتىن نېرۋا ئىمپۇلىسىنى مەركەزگە يەتكۈزىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن رىتسېپتور ۋە ئۇنىڭ ئۆتكۈزگۈچى قىسىمنىڭ پائالىيىتى ئۇزاتقۇچى نېرۋىلار ئارقىلىق نېرۋا مەركەزلىرى تەرىپىدىن فىدباك (ئىمپۇلىسنىڭ بېرىپ - كېلىپ قايتىلىنىشى) يادىمى بىلەن تەڭشىلىپ تۈزۈلىدۇ؛ (3) چوڭ مېڭىنىڭ پوستلاق قەۋىتى ۋە پوستلاق ئاستىدىكى ماس قىسىملار، بۇ يەردە سىرتقى قىسىمدىن كەلگەن نېرۋا ئىمپۇلىسلىرى پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ. ئاساسىي ئانالىزاتورلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: كۆرۈش (ياكى نۇر) ئانالىزاتورى، ئاڭلاش (ياكى ئاۋاز) ئانالىزاتورى، تەم ئانالىزاتورى، پۇراق (ھىد) ئانالىزاتورى، تېرە ئانالىزاتورى، مۇسكۇل (ياكى ھەرىكەت) ئانالىزاتورى، نۇتۇق ئانالىزاتورى، يەنە ئىچكى ئەزالار (ياكى ئىچكى سېزىمچانلىق) ئانالىزاتورلىرى.