Uyghur主要词典
ئاناكرېئون
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن تەخمىنەن 570 -485 يىل ئىلگىرى) قەدىمكى يۇناننىڭ لىرىك شائىرى. كىچىك ئاسىيادىكى ئىئونىيىلىكلەرنىڭ شەھىرى تېئوتا تا تۇغۇلغان. مىلادىدىن 540 يىل ئىلگىرى، يۇرتىنى پېرسىيە ئارمىيىسى ئىگىلىۋالغاچقا، بىر مەزگىل فراكىيىدىكى ئابدېرا شەھىرىگە كۆچۈپ بېرىپ ئولتۇراقلاشقان. ساموس ئارىلى (ئېگېى دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي) نىڭ تىرانى پولىكراتقا بېقىنىپ، شېئىر يېزىپ بۇتىراننى مەدھىيىلىگەن. پولىكرات ئۆلگەندىن (مىلادىدىن 522 يىل ئىلگىرى) كېيىن ئافېناغا بېرىپ، تىران ھىپاركۇنىڭ مەرھىمىتىگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئاساسەن ئوردا ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشقان بولۇپ، مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ كۈچلۈك ھاراق ۋە مۇھەببەت (قەدىمكى يۇنان لىرىك شېئىرلىرىنى مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ كۈچلۈك ھاراق ۋە مۇھەببەت )قەدىمكى يۇنان لىرىك شېئىرلىرىنى مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ئوقۇشقا بولاتتى. (مۇھەببەتنى مەدھىيىلىگەن، ئۇرۇش ۋەسىياسىي ئىشلارغا قىزىقمىغان. ئۇ، قەدەھ كۆتۈرگەن خۇشال ۋقىتلاردا بەس - مۇنازىرىلەرنى ئاڭلاشنى، قانلىق ئۇرۇش ۋە كۈرەش توغرىسىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلاشنى خالىمايمەن؛ كىمىكى زىياپەتتە مۇھەببەت تەڭرىسى، مۇھەببەت ۋە مۇسېس ) شېئىرىيەت تەڭرىسىنى مەدھىيىلىسە، مەن شۇنىڭ كۈلكىلىك پاراڭلىرىنى قىزىقىپ ئاڭلايمەن دېگەنىكەن.( ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئالېكساندرىيە دەۋرىدە ئالتە توملۇق توپلام قىلىنغان. كېيىن ئۇنىڭ پارچىلىرىلا ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا قېپقالغان بولۇپ، ئاساسەن ئىئونىيە شىۋىسىدا يېزىلغان، ئېئولىيە شىۋىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ يازغانلىرىمۇ بار. شېئىرلىرىنىڭ قاپىيە ۋە ۋەزىن قائىدىسى ئاددىي بولۇپ، يېقىملىق ۋە راۋاق بولغان. كېيىن ياۋروپا ئەدەبياتىدا ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا تەقلد قىلىپ يېزىلغان لىرىكىلىق شېئىرلار ئادەتتە <ئاناكرېئون ئۇسلۇبى> دەپ ئاتالغان.