Uyghur主要词典
ئاناكىسماندر
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 611 - 546) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. كىچىك ئاسىيادىكى ئىئونىيىنىڭ مىلېتوس شەھىردە تۇغۇلغان. تېلېسنىڭ شاگىرتى. ئۇ ماتېماتىكا، ئاسترونومىيەۋە جۇغراپىيىنىمۇ تەتقىق قىلغان. تەبىئەت توغرىسىدىكى ئەسەرلىرىدىن پارچىلارلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، يۇناننىڭ ئەڭ دەسلەپكى پەلسەپە ئەسىرى (ئەينى ۋاقىتتا پەلسەپە بىلەن پەن تېخى ئايرىلمىغانىدى) بولۇپ ھېسابىلنىدۇ. ئۇ ئاسمان جىسىملىرى خەرىتىسى ۋە يەر شەكلى خەرىتىسىنى سىزغان بولۇپ، يەر - جاھان يۇمىلاق شەكىلدە دەپ قارىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ قۇياش تاجىنى يۇنانغا كىرگۈزگەنمىش. ئۇ تېلېسقا قارىغاندا ئۆزگىچە قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ئالەمنىڭ ئاساسىي ئامىلى <چەكسىزلىك>؛ كائىنات <چەكسىزلىك> تىن پەيدا بولغان، ئۇ يەنە <چەكسىزلىك> كە قايتىدۇ. <چەكسىزلىك> بوشلۇققا تولغان، مەڭگۈ تۈگىمەيدىغان شەكىلسىز ماددىدىن ئىبارەت. ئۇ سوغۇق، ئىسسىق، قۇرۇق، ھۆل خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. بۇ خۇسۇسىيەتلەرنىڭ قارىمۇ قارشىلىق ئىچىدە ئۆزگىرىشىدىن كائىنات پەيدا بولغان دەپ قارىغان. ئۇ جانلىقلار سۇ (ھۆل) دىن يەرگە (قۇرۇقلۇق) چىققان، شۇڭا ئىنسانلار بېلىقتىن كېلىپ چىققان، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. بۇ غەربنىڭ ئەڭ دەسلەپكى تەدىرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسى بولۇش مۇمكىن. ئۇ يۇناننىڭ تەبىئەت پەلسەپىسى ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ساددا ماتېرىيالىستىك كۆزقارشى شۇ چاغدا كەڭ تارقالغان دىنىي ئىلاھىيەتكە قىلىنغان بىر خىل ئىنكار ئىدى.