Uyghur主要词典
ئاناكساگورا
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 500 - 428) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. كىچىك ئاسىيادىكى كلازومېن دېگەن جايدا تۇغۇلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ ئائىلە مال - مۈلۈكىنى تۇغقانلىرىغا ئىنئام قىلىۋېتىپ، ئۆزىنى پەلسەپە تەتقىقاتىغا بېغىشلىغانىكەن. 20 ياشلار ئۆپچۆرىسىدە ئافېناغا كۆچۈپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ تەبىئەت پەلسەپىسىنى بايان قىلغان؛ پېرىكل، ئېۋىرىپىد قاتارلىق مەشھۇر شەخسلەرنى دوست تۇتقان، پېرىكلنىڭ ھۈرمەتلەيدىغان ئۇستازى بولغان. شۇنداقلا ئۇ ماتېماتىك ۋە ئاسترونوم، ئۇنىڭ <تەبىئەت توغرىسىدا> دېگەن نەسرىي ئەسىردىن ھازىرغىچە بەزى پارچىلارلا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ساددا ماتېرىيالىستىك كۆز قارىشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئۇ ئالەم دەسلەپتە بارلىق شەيئىلەر ئارىلىشىپ كەتكەن بىر ماددىي گەۋدە، جىسىملارنىڭ سانى چەكسىز كۆپ، ئۇنىڭ ھەجمى چەكسىز كىچىك بولغان، دەپ قارىغان. جىسىملارنىڭ كىچىك پارچىلىرىنى <ئۇرۇق> دەپ ئاتىغان. <ئۇرۇق> ھەرخىل ھالەت، رەڭ ۋە پۇراققا ئىگە بولىدۇ؛ <ئۇرۇق> كونكرېت كائىناتنى ھاسىل قىلىدۇ. مەلۇم بىر جىسىم بىلەن باشقا جىسىملار ئوتتۇرىسىدا پەرق بولىدۇ، ئۇنداق بولۇشى ئۇ جىسىمدا مەلۇم ئوخشاش سۈپەتتىكى <ئۇرۇق> ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكىدىن بولغان، دەپ قارىغان. دەسلەپكى ھەرىكەتنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، باشقا <ئۇرۇق> لار بىلەن مۇتلەق ئايرىلغان، ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر خىل نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى <نوس> (<پاراسەت> ياكى <ئەقىل دۇنياسى> دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ دەپ ئاتاپ، <نوس كائىنات ئىچىكىد ئەڭ ئاز، ئەڭ پاك نەرسە> دېگەن. ئۇ ئېھتىمال تېخىمۇ ئۇششاق ماددىنى كۆرسەتسە كېرەك؛ ئارىستوتېل <نوس> نى ئاناكساگورانىڭ دۇنيانىڭ تۈزۈلۈشىدە ئىشلەتكەن بىر خىل ۋاسىتىسى ياكى ئۇنى ھەرىكەتتە ئەقىل - پاراسەت بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى قىلغان دېگەن )<نوس> روھىي نەرسە دەيدىغانلارمۇ بار . ھەرىكەتنىڭ ئۆزگىرىشى جەھەتتە، ئۇ شەيئىلەر قوشۇلۇش ۋە پارچىلىنىش جەھەتتىن ئېيتقاندا پەيدا بولىدۇ ۋە يوقىلىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، دەپ قارىغان. لېكىن يەنە شەيئىلەرنىڭ مۇتلەق ئۆزگىرىشى مۇمكىن ئەمەس. مەسىلەن، ئېلېئا ئېقىمى، چۈنكى بارلىق شەيئىلەر باشتىن - ئاخىر بىردەك بولىدۇ، ئازايمايدۇ ھەم كۆپەيمەيدۇ، دېگەن. كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا، ئاناكساگورانىڭ قارىشىچە ھېچقانداق نەرسە ھەقىقىي پەيدا بولمايدۇ ياكى يوقالمايدۇ. پەيدا بولۇش قوشۇلۇش دېگەنلىك، يوقىلىش پارچىلىنىش دېگەنلىكتىن ئىبارەت. (ئېمپېدوكلنىڭ كۆز قارىشىغا ئوخشاش). شەيئىلەردە ئومۇميۈزلۈك باغلىنىش بولىدۇ، قارىمۇقارشى تەرەپ (سوغۇق بىلەن ئىسسىق، قۇرۇق بىلەن ھۆل قاتارلىقلار) پارچىلانمايدۇ دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. ئاناكساگورا ئافېنادا 30 يىل (مىلادىدىن ئىلگىرى 464 - 434) تۇرغان. پېرىكلنىڭ سىياسىي رەقىبلىرى تەرىپىدىن خۇداغا ئىشەنمىدى دەپ ئەرز قىلىنغان. چۈنكى ئۇ قۇياش قاتتىق ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان تاش دېگەن، <خۇداسىزلىق> ئەينى زاماندا چوڭ جىنايەت ھېسابلىناتتى، پېرىكلىنىڭ ھەر جەھەتتىن قۇتقۇزۇشى ئارقىسىدا، بەش تالانتون جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنىپ، ئافېنادىن قوغلاپ چىقىرىلغان تاش دېگەن، <خۇداسىزلىق> ئەينى زاماندا چوڭ جىنايەت ھېسابلىناتتى، پېرىكلنىڭ ھەر جەھەتتىن قۇتقۇزۇشى ئارقىسىدا، بەش تالانتون جەرىمانە تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنىپ، ئافېنادىن قوغلاپ چىقىرىلغان. كىچىك ئاسىيانىڭ غەربىي شىمالىي چېتىدىكى لامپساك (ھېللېسىپونت ئەتراپى) دا قېرىپ ئالەمدىن ئۆتكەن.