Uyghur主要词典
ئامارنا خەت ئالاقىلىرى
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى مىسىرنىڭ يېڭى پادىشاھلىق دەۋرىدىكى دىپلوماتىيە خەت - ئالاقىلىرى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا تېل ئېل ئامارنا (مىسىرنىڭ قاھىرە شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا 287 كىلومېتىر كېلىدىغان جاي) ئەتراپىدىن تېپىلغان. 400 پارچىغا يېقىن سېغىز تاختا پۈتۈك بولۇپ، ئاساسەن ئاككاد (مېسوپوتامىيە) نىڭ مىخ يېزىقى بىلەن يېزىلغان. ئۇ ئاساسەن 18-خاندانلىقىنىڭ فىرئەۋىنى ئامېخۇتېپ Ⅲ (مىلادىدىن ئىلگىرى 1417 - 1379)، ئامېخوتېپ Ⅳ بىلەن بابىون، ئاسسۇرىيە، مىتان ۋە خېتت قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خان جەمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى باردى - كەلدىگە ئائىت خەت - ئالاقىلەردىن ئىبارەت. ئۇ مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅤ ئەسرگىچە مىسىر بىلەن غەربىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال بولۇپ، مىسىرنىڭ سۈرىيە، پەلەستىن ئەتراپىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ۋە غەربىي ئاسىيا رايونىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى (مەسىلەن، ئىتتىپاق قۇرۇش، ئەسكەر ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىش ۋە ئالتۇن ئىنئام قىلىش قاتارلىقلار) نى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ھازىر بېرلىن، لوندون، ماھىرە مۇزېيلىرىدا ساقلانماقتا.