Uyghur主要词典
ئام ئەل ۋۇفۇد
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ھىجرىيە 9 - يىلى (مىلادىيە 630 - يىلى) نى كۆرسىتىدۇ ۋە بۇ يىلى نۇرغۇن قەبىلىلەرنىڭ ئەلچىلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا سالامغا كېلىپ ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەككىنى قولغا ئالغاندىن كېيىن، مەككىنىڭ پۇختا دىنىي ۋە سودا ئورنىدىن پايدىلىنىپ، ئىسلام دىنىنى تېزلىك بىلەن پۈتكۈل ئەرەب يېرىم ئارىلىغا ئومۇملاشتۇردى. قەبىلىلەر مەدىنىگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يىراقتىكى ئوماندىن، بەھرەيىندىن، ھەزرەمەۋت (ھازىر ئەرەب يېرىم ئارىلى چېگرىسى ئىچىدە) دىن؛ بەزىلىرى تەي، ھەمدەن ۋە كېندې (بۇلار ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانى چېگرىسى ئىچىدە) دىن كەلگەن بولۇپ، ھەممىسى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يېرىم ئارالدىكى خرىستىئانلار ۋە يەھۇدىيلارمۇ سۈلىھ تۈزۈشكە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، بويسۇنىدىغانلىقىنى، ئولپان تۆلەپ ئىسلام دىنىنىڭ كەڭچىلىك قىلىشنى ئۆتۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.