Uyghur主要词典
ئالېكساندرىيە كۇتۇپخانىسى
领域: دۇنيا تارىخىيۇنانلاشتۇرۇش دەۋرىدىكى ئالېكساندرىيە شەھىرى مۇزېيىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. مىلادىدىن 308 يىل ئىلگىرى، پتولېمېي سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قۇرۇلغان مىسرنىڭ ئالېكساندرىيە رايونىنىڭ غەربىي شىمال قىسمى (پادىشاھ ئوردىسىنىڭ جەنۇبى) دا . ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كۇتۇپخانىدا مەشھۇر شەخسلەرنىڭ 500 مىڭ تۈرۈم پاپىرۇس قەغەز تۈرۈم (يەنە ئېيتىلىشتا تەخمىنەن 700 مىڭ تۈرۈم) دىن ئارتۇق قوليازمىسى ساقلانغان بولۇپ، بۇ كىتابلارنىڭ مۇندەرىجىسىلا 120 كىتاب بولغان. كۆپلىگەن ئەسەرلەرگە مەخسۇس ئىزاھ قوشۇمچە قىلىنغان بولۇپ، مۇشۇ ئىزاھنىڭ ئۆزىمۇ قىممەتلىك ھۆججەت بولغان ھەمدە بۇنىڭدىن مەخسۇس پەن - <ئىزاھشۇناسلىق> مەيدانغا كەلگەن. كۇتۇپخانا يىراق - يېقىندىكى مەشھۇر ئالىملارنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ، ئالېكساندرىيە شەھىرىنى شۇ چاغدا خەلقئارالىق ئىلم - پەن مەركىزىگە ئايلاندۇرغان. شائىر ۋە قوشۇمچە گرامماتىكا ئالىمى كاللىماكوس كۇتۇپخانا باشلىقى بولغان. مەشھۇر ماتېماتىك ئېۋكلىد، ماتېماتىك ۋە قوشۇمچە فىزىكا ئالىمى ئارخىمېد، ئاسترونوم ھىپپاركوس، پتولېمېي كلائودىئو قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن بۇ يەردە تاتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان. مىلادىن 48 يىل ئىلگىرى رىم قوماندانى كائېسار مىسىرغا كىرىپ ، مىسىرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقاندا، ئالېكساندرىيە شەھىرىىنڭ ئاھالىلىرى قارشى تۇرغان، كائېسار كۇتۇپخانىدىكى بىر قىسىم كىتابلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغان. Ⅳ - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە يەنە بىر قېتىم بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. قالغان قىسمى Ⅶ - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئەرەب سەركەردىسى ئەمىر ئالېكساندرىيە شەھىرىنى ئىشغال قىلغاندا ۋەيران قىلىنغان.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。