Uyghur主要词典
ئالېكساندر جاگېللونسزىك
دۇنيا تارىخى
(1460 - 1506) لىتۋا كىنەزى (1492-يىلىدىن باشلانغان)، پولشا كورۇلى (1501 - 1506). كازىمېر Ⅳ نىڭ ئوغلى. 1492-يىلى روسىيىگە قارشى قوشۇن تەشكىللەپ، 1494-يىلى سۈلھ تۈزگەن ھەمدە موسكۋاكىنەزى ئىۋان Ⅲ نىڭ قىزى يېلېنانى نىكاھىغا ئالغان. 1500-يىلى ئۇرۇش ئوتى يەنە كۆتۈرۈلگەن، 3-15-يىلى لىتۋا بىلەن روسىيە چېگراىلىنىدىغان رايونلاردىكى بەزى كىنەزلىكلەرنى روسىيگە بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 1505-يىلى قانۇنلار توپلىمىنى ئېلان قىلىپ، ئۇنى <رادوم ئاساسىي قانۇنى> دەپ ئاتاپ، پارلامېنتنىڭ ھوقۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، پادىشاھ ھوقۇقىنى ئاجىزلاتتى.