Uyghur主要词典
ئالېرامو
دۇنيا تارىخى
(1876 - 1960) ئەسلى ئىسمى رىنا فاككىئو. ئىتالىيىلىك ئايال يازغۇچى، شائىرە. ئالېكساندرىيىدە تۇغۇلغان. يېزا مائارىپ خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان. ئاياللارنىڭ ئازادلىقىنى تەشەببۇس قىلغان. 1925-يىلى كروكې تەشەببۇس قىلغان فاشىستلارغا قارشى خىتابنامىگە ئىمزا قويغۇچىلرنىڭ بىرى. كېيىن ئىتالىيە كومپارتىيىسىگە كىرگەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن «مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئايال » دا ئايالنىڭ ئەرنىڭ زۇلمىغا ئۇچرىغانلىقى تەرجىمىھال شەكلىدە تەسۋىرلەنگەن. «ئۆزۈمنى ياخشى كۆرگەندىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايمەن»، «قامچا» ۋە «كۈندىلىك خاتىرلىرىمدىن پارچە» قاتارلىق ئەسەرلىرىمۇ بار.