Uyghur主要词典
ئامال
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
بىرلىكى: ئەمەل ئۈمىدلەر، تىلەكلەر، ئىستەكلەر، غايىلار.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئۈمىتلەر، تىلەكلەر، ئىستەكلەر (بىرلىكى <ئەمەل>).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش _ ھەرىكەتنى ھەل قىلىشتا قوللىنىلىدىغان قائىدە _ يوسۇن.
ئاققا قارا يوق، قارىغا چارە. تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولار. ھەر تەدبىر ھەممىگە ماس كېلىۋەرمەس. يوققا ئامال يوق. ئامال تاپقاندىن ئەجەل قاچار. قۇرۇتنى يوقىتىشنىڭ ئىلاجى قايناق سۇ. سەۋەب قىلساڭ، سېۋەتتە سۇ توختار. دەردكە سەۋەب تېپىلار. تەرتىپنى تەرزى كۆپ بۇزار. ھەر ئىشنىڭ يولى بار. يولىنى بىلسەڭ سۇ ئۆگزىگە چىقار. ۋاستىسى رەزىلىنىڭ مەقسىتى ياخشى بولماس. ئوقۇتۇش مېتودى ناھايتى مۇھىم.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
شەكىل؛ ئۇسۇل؛ ئاستا
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
چارە - تەدبىر، ئىلاج، ئۇسۇل - چارە.
ئاستا سۆزلىگەن كىشىنىڭ ئامالىي كۆپ (ماقال).
سەۋەب قىلساڭ زاۋال يوق، قىلالمىساڭ ئامال يوق (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
شەكىل، ئۇسۇل