Uyghur主要词典
ئامازون ھەمكارلىق شەرتنامىسى تەشكىلاتى
领域: دۇنيا تارىخىجەنۇبىي ئامېرىكا ئامازون دەرياسى ۋادىسى رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ رايون خاراكتېرلىك خەلقئارالىق ھەمكارلىق تەشكىلاتى. 1978-يىلى 7-ئايدا برازىلىيە، پېرۇ، بولىۋىيە، ئېكۋاتور، كولۇمبىيە، گۋىئانا، سورىنام ۋە ۋېنېسۇئېلادىن ئىبارەت سەككىز دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى برازىلىيىدە ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالىغان؛ 1980-يىلى 8-ئايدا كۈچكە ئىگە بولغان. شەرتنامىدە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەلەر بىرلەشمە ھەرىكەت قوللىنىپ، ئامازون رايونىنىڭ ماس قەدەم بىلەن تەرەققي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، مۇھىت ئاسراش ۋە تەبىئىي بايلىقلارنى مۇۋاپىق ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ تاشقى ئىشلار مىنىسترلىرى يىغىنى ئۇنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، قەرەلسىز ئېچىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. 1980-يىلى 10-ئايدا برازىلىيىنىڭ بېلېم دېگەن شەھىرىدە تۇنجى قېتىملىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى چاقىرىلىپ ھەمدە <بېلېم خىتابنامىسى> ئېلان قىلىنىپ، يۇقىرىدىكى مەقسەت قايتا شەرھلەرنگەن. ئامازون ھەمكارلىقى ئۇيۇشمىسى يىغىنى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئالي دەرىجىلىك دىپلوماتىيە ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپقان، ھەر يىلى بىر قېتىم يىغىن ئېچىپ، ھەر خىل ھەمكارلىق پىلانلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەن ۋە ئەمەلىيلەشتۈرگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。