Uyghur←Chinese主要词典
ئافېنىئون
دۇنيا تارىخى
雅典尼昂
yǎ diǎn ní áng
(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 101). قەدىمكى رىمدىكى ئىككىنچى قېتىملىق سىتسىلىيە قۇللار قوزغىلىڭىنىڭ سەردارى. چىلىچىيىلىك. سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى لىلىبائېئۇم شەھىرىدە قۇل بولغان. مىلادىدىن 104 يىل ئىلگىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، سارۋىئۇس رەھبەرلىك قىلغان يەنە بىر قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بىلەن ترىئوكالا(سىتسىلىيىنىڭ غەربىي قىسمىدا) دا قوشۇلۇپ، ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولغان. ھەربىي تالانتى يۇقىرى بولۇپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، قاتناشنى ئۈزۈپ، ھۆكۈمەت ئارمىيىسىگە زەربە بېرىپ، ھۆكۈمرانلارنى چۆچۈتۈۋەتكەن. مىلادىدىن 01 يىل ئىلگىرى رىمنىڭ كونسۇلى ئاكۇيلىئۇ ترسوكالاغا ھۇجۇم قىلغاندا (بۇ چاغدا سارۋىئۇس شاھ ئۆلگەنىدى)، مۇۋەققەت شاھ بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ قۇربان بولغان. شۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغان.