Uyghur←Chinese主要词典
ئافېنانىڭ سىياسىي تۈزۈمى
دۇنيا تارىخى
雅典玫制
yǎ diǎn méi zhì
كىتاب نامى. قەدىمكى يۇنان ئالىمى ئارىستوتېلنىڭ ئەسىرى. مىلادىدىن 329 - 328 يىل ئىلگىرىكى يىللاردا يېزىلغان. كېيىن ئۇزاق مۇددەت نامى يوقىلىپ كەتكەن. 1890-يىلى مىسىردا پاپىروس قەغىزىگە يېزىلغان كىتابلار ئىچىدىن ئۇنىڭ بىرقەدەر مۇكەممەل ئەسلى نۇسخىسى تېپىلىپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىلم - پەن ساھەسىدىكىلەر ئىچىدە چوڭ ئىش دەپ قارالغان. بۇ كىتابتا ئاساسەن قەدىمكى يۇناندىكى ئافېنا شەھەر دۆلىتىنىڭ سىياسىي تۈزۈمى بايان قىلىنغان، ئۇنىڭ تەرتىپى ئېنىق، مەزمۇنى مول، دەلىل كەلتۈرۈلگەن ئىپتىدائىي ماتېرىياللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاپتورنىڭ يەنە بىر داڭلىق ئەسىرى - <سىياسەتنامە> گە باھا بېرىش ۋە قەدىمكى ئافېنانىڭ سىياسىي تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا زور قىممەتكە ئىگە، يەنە كىشىلەرنىڭ ئېنگېلسنىڭ <ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى> دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇپ تەتقىق قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. خەنزۇچە تەجىمە نۇسخىسى بار.