Uyghur←Chinese主要词典
ئافېنا ئۇزۇن تېمى
دۇنيا تارىخى
雅典长啬
yǎ diǎn zhǎng sè
<ئافېنا سېپىلى > دەپمۇ ئاتالغان. قەدىمكى ئافېنانىڭ مۇداپىئە سېپىلى. ئادەتتە ئافېنا شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىي ئۇچىدىن پىرئېئۇس پورتىغا تۇتاشقان ئۇزۇن تام ئىستىھكامنى كۆرسىتىدۇ. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىردە، پېرىكلېس ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە ياسالغان. جەنۇبىي تام بىلەن شىمالىي تام ئاساسەن پاراللېل بولۇپ، شەھەر ئىچىدىن دېڭىزغا سوزۇلغان تۈز يولدىن ئىبارەت. بۇ تامنىي سېلىشتىكى مەقسەت تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ ئۇشتۇمتۇت تاجاۋۇز قىلىشىدىن مۇداپىئەلىنىش ھەمدە ئافېنا ئۆزىنىڭ دېڭىز ئارمىيە ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن بولۇپ، سپارتا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پېلوپوننېسۇس ئۇرۇشى (مىلادىدىن ئىلگىرى 431 - 404) دا مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، سپارتانىڭ بۇيرۇقى بىلەن بۇزۇۋېتىلگەن. ئافېنا شەھىرىدىن فالېرۇم (پىرائېئۇسنىڭ شەرقىدە) پورتىغا بارىدىغان يەنە بىر ئۇزۇن تام بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىملىقى ئالدىنقىسىغا يەتمەيدۇ؛ بەزىدە كېيىنكىسى جەنۇبىي ئۇزۇن تام دەپ، ئالدىنقىسىنىڭ جەنۇبىي ئۇزۇن تېمى بولسا ئوتتۇرا ئۇزۇن تام دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تېمىستوكلېس ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە)، پېرسىيىلىكلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ئافېنا شەھىرى ۋە پىرائېئۇس پورتى، فالېرۇم پورتى ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان ئۇزۇن تاملار ياسالغان.