Uyghur←Chinese主要词典
ئافېنا ئون گېنېرال يىغىنى
领域: دۇنيا تارىخى雅典十将军会
yǎ diǎn shí jiāng jūn huì
قەدىمكى ئافېنانىڭ ئەڭ ئالىي ھەربىي ئاپپاراتى. تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئاخرىىدا، كلېستېنېس ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا تەسىس قىلىنىپ، ھەر يىلى ئون قەبىلىنىڭ ھەر بىرىدىن بىر نەپەر گېنېرال (ستراتېگوس) سايلىنىپ تەشكىل قىلىنغان. دەسلىپىدە ھەر بىر گېنېرالنىڭ ھوقۇقى باراۋەر بولۇپ، ھەربىي چوڭ ھوقۇقنى نۆۋەت بىلەن ئىگىلىگەن. يۇنان - پېرسىيە ئۇرۇشىدا (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا) ئۇنىڭ رولى پەيدىنپەي كۈچىيىپ، ئەسلىدىكى ئارخوننىڭ رولى مۇناسىپ ھالدا ئاجىزلىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅴ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، پېرىكلېس ئۇدا 15 يىل باش گېنېراللىققا سايلىنىپ، ئەڭ ئالىي ھەربىي ھوقۇق ۋە بەزى مەمۇرىي ھوقۇقلارنى ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتتىكى دۆلەت باشلىقىغا ئايلانغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردە، پۇقرالار يىغىنى ئاۋازغا قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ھەرقايسى گېنېراللارنىڭ خىزمەت ھوقۇقى دائىرىسىنى بەلگىلەپ بەرگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。