Uyghur主要词典
خاۋارىجلار
دۇنيا تارىخى
ئىسلام دىنىدىكى بىر مەزھەپ. مىلادى 657-يىلى سىفاىن سوقۇشىدا ئەلى بىلەن مۇئاۋىيەنىڭ مۇرەسسەگە كېلىشى بىر قىسىم ئەگەشكۈچىلەر (ئاساسلىقى ئىراقتىكى تامىم قەبىلىسىنىڭ ئەزالىرى) نىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇلار <قۇرئان> قازى بولسۇن دېگەنگە قارشى چىقىپ، ئەلى مەزھىپىدىن چىقىپ كەتكەن، شۇڭا <خاۋارىجلار> (ئەرەبچىدەKhawarij ، چىقىپ كېتىش مەنىسىدە) دەپ ئاتىلىپ قالغان. مەزكۇر مەزھەپ ئىسلام دىنىدا ئىپتىدارئىي دېموكراتىك تۈزۈمنى يولغا قويۇشنى، خەلىپىنىڭ سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىشىنى، بارلىق مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن نېگىر قۇللارمۇ سايلانسا بولىدىغانلىقىنى، ئاددىي ئەسكەرلەر ئىچىدە يەر ۋە ئۇرۇش غەنىمەتلىرىنى تەڭ تەقسىم قىلىشنى، جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرنى مۇسۇلمان دەپ ھېسابلىماسلىقنى، تەشەببۇس قىلغان. شۇڭا ئۇلار مىلتارىست دېموكراتلار دەپمۇ ئاتالغان. 658-يىلى نەھرەۋان (ھازىرقى ئىراق زېمىندا) دا بولغان جەڭدە ئەلى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىغان. 661-يىلى خاۋارىجلارنىڭ مۇرىتلىرى ئەلىنى سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرگەن، مۇئاۋىيەنى يارىدار قىلغان. ئۇمەييە سۇلالىسى مەزگىللىرى ئىراق ۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا كۆپ قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. لېكىن بۇ قوزغىلاڭلار خەلىپە تەرىپىدىن دەھشەتلىك باستۇرۇلغان، كېيىن ئىچكى نىزا تۈپەيلىدىن كۈچى ئاجىزلاپ بىر قانچە كىچىك مەزھەپكە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇلار ئاساسلىقى ئەزارىكا ۋە ئىبادىيەلەردىن ئىبارەت.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئىسلام دىنى تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن پەيدا بولغان دىنىي سىياسىي مەزھەپ. <خاۋاىجلار> دېگەن بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <چىقىپ كەتكۈچىلەر> دېگەنلىك بولۇپ، تۆتىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوشۇنىدىن بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتكەن گۇرۇھنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سۆز <قۇرئان كەرىم> دىكى <... كىمكى ئۆيىدىن ئاللانىڭ ۋە پەيغەمبەرنىڭ تەرىپىگە ھىجىرەت قىلىپ چىقسا، ئاندىن توغرا يولدا ئۆلسە، ئۇنىڭ ئەجرىنى ئاللا چوقۇم بېرىدۇ...> (4 - سۈرىنىڭ 100 - ئايىتى) دېگەن ئايەتتىن ئېلىنغان. بۇ مەزھەپتىكى ئاساسىي ئامما ئەرەبلەرنىڭ تەمىم قەبىلىسىدىكى بەدەۋىيلەر بولۇپ، چاھار يار دەۋرىدە قوشۇنغا قاتنىشىپ بەسرەنى ساقلىغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر تۈركۈم تەجۋىد ئالىملىرى بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە <قۇرئان كەرىم> نى يادلاشنى كەسىپ قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشىغا يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا تەشۋىقى تەرغىبات ئېلىپ بارغان. ئۇلار ئەسلىي ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بولۇپ، ئوسمانلىغا قارشى سەپكە قاتناشقان. ئۈچىنچى خەلىپە ھەزرىتى ئوسمان 656 - يىلى ئۆلتۈرۈۋېتىلگەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەلى تۆتىنچى خەلىپىلىككە سايلانغان. ھەزرىتى ئوسماننىڭ نەۋرە ئىنىسى، سۈرىيىنىڭ باش ۋالىسى مۇئاۋىيە ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلماي، قوشۇن باشلاپ چىقىپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئىككى تەرەپ 657 - يىلى يېۋفىرات دەرياسىنىڭ بويىدىكى سىففىن تۈزلەڭلىكىدە قاتتىق ئۇرۇشقان. مۇئاۋىيە مەغلۇب بولۇشقا يۈزلەنگەن ئەھۋال ئاستىدا <>قۇرئان كەرىم< نىڭ ھۆكۈمى بويىچە> ئۇرۇش توختىتىپ سۈلھى قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ چاغدا ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوشۇنىدا ئۇرۇشۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار ئاز سانلىقنى، يارىشىپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغانلار كۆپ سانلىقىنى ئىگىلىگەن، ھەزرىتى ئەلىمۇ يارىشىشقا مايىل بولۇپ، مۇئاۋىيەنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان. ئىككى تەرەپ ھۆكۈم چىقىرىشقا ئەۋەتكەن ئادەملەر سۆھبەتلەشكەن. ھۆكۈمنىڭ نەتىجىسى ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنى ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىلىرىدىن قالدۇرۇپ، ھەزرىتى ئەلىنى مۇئاۋىيە بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت بولغان. ئۇرۇشۇش تەرەپدارلىرى بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ھەزرىتى ئوسمان قەتلى قىلىنغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىككە سايلىنىشى مۇسۇلمانلار ئۇممەسىنىڭ كوللېكتىپ قارارى يەنى ئاللانىڭ ھۆكۈمى بولۇپ، مۇقەددەستۇر؛ ھەزرىتى ئەلىنىڭ يۇقىرىقى ھۆكۈمنى قوبۇل قىلىشى <ئاللانىڭ مىزانىغا خىلاپلىق قىلغانلىق>، <كۇپرىلىق> بولىدۇ، دەپ قارىغان. شۇ چاغدا ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوشۇنىدىن 12 مىڭ ئادەم چىقىپ كېتىپ، خاۋارىجلار دەپ ئاتالدى. ئۇلار 658 - يىلى كۇفەنىڭ يېنىدىكى ھەرۇرا مەھەللىسىدە تەقۋادار ئادەتتىكى ئەسكەر ئابدۇللا ئىبنى ۋەھىب راسىبى (؟ - 658) نى تۇنجى خەلىپە قىلىپ سايلاپ، ھەزرىتى ئەلى ۋە مۇئاۋىيەنىڭ ئىسلام جەمئىيىتىدىكى داھىيلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەزرىتى ئەلى باشتا مۇئاۋىيەگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، ھەرۇراغا بېرىپ، كېتىپ قالغانلارنى قوشۇنغا قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلدى. نۇرغۇن كىشىلەر خاۋارىجلاردىن ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە ئۈچ مىڭدەك ئادەم ھەزرىتى ئەلى بىلەن قارشىلىشىشتا چىڭ تۇردى. كېيىن خاۋارىجلار ھەزرىتى ئەلىنى قوللايدىغان مەدايىن ۋالىسىنى ۋە ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەلچىسىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكتىن، ھەزرىتى ئەلى قوشۇن باشلاپ ئۇلارنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ يوقىتىشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن 658 - يىلىدىكى نەھرەۋان ئۇرۇشى بولدى. خاۋارىجلار باش ئەگمەيلا قالماستىن، بەلكى ئۇلاردىكى قىساس ئېلىش روھى ئۇلغىيىپ كەتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاللانىڭ يولىغا توغرا ئېتىقاد قىلغۇچىلار، ئىسلام جەمئىيىتىدە رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە مەزھەپ دەپ ئاتىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەلىنى، مۇئاۋىيەنى ۋە ئەمرۇ ئىبنى ئاسنى يوقىتىشقا بەل باغلىدى. 661 - يىلى ئادەم ئەۋەتىپ ھەزرىتى ئەلىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈۋەتتى، مۇئاۋىيەنى يارىلاندۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ مەزھەپنىڭ كۈچى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى ۋە تەرەققىي قىلدى. ئۇلار بەسرەنىڭ غەربىدىكى ساسلىقنى بازا قىلىپ، پارتىزانلىق تاكتېكىسىنى قوللىنىپ، قوراللىق كۈرۈشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇمەۋىيە سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ مەزھەپنىڭ جايلاردىكى تارماقلىرى خەلىپە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى 35 قېتىم قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، كۇفە، يەمامە، ھەۋرەمەۋت ۋە تائىف قاتارلىق شەھەرلەرنى بىر مەھەل ئىشغال قىلدى. كۈچى ئەڭ زورايغاندا پرسىيە، ئىراق، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ھىجاز ۋە يەمەن رايونلىرىغا تەرەققىي قىلىپ، شۇ چاغدىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە خېلى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاخىر باستۇرۇۋېتىلدى. ئابباسىيلار سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ مەزھەپنىڭ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ۋە تەڭ تەقسىماتچىلىقنى تەشەببۇس قىلىش ئىدىيىسى جايلارغا چېچىلىپ كەتكەن مۇخلىسلىرىنىڭ تارقىتىشى ئارقىلىق، كەڭ نامرات مۇسۇلمانلارنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولغانلىقتىن، ھەر خىل كۆلەمدىكى قوزغىلاڭلارنى كۆتۈردى. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن Ⅹ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۇنىڭ تارماقلىرى شىمالىي ئافرىقىدا خەتتاب سۇلالسىى، رۇستۇم سۇلالىسىنى قۇردى. 866 - يىلى بەسرەدىكى زەڭگىلەر قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئابباسىيلار سۇلالىسى خەلىپىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇردى. كېيىن يەنە ئەسكەرلەر، بەدەۋىيلەر، ئەركىن دېھقانلار بۇ قوزغىلاڭغا قاتناشتى، قوزغىلاڭ 14 يىل داۋاملىشىپ، ئاخىر مەغلۇب بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ مەزھەپ دىققىتىنى سىياسىي ۋە ھەربىي كۈرەشتىن ئىلمىي كالام تەتقىقاتىغا يۆتكىدى. مۇتەپەككۇرلىرى ھەر خىل ئەنئەنىچىلەرنىڭ ۋە شىئە مەزھىپىنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شۇ چاغدىكى ئىسلام دىنىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىغا ۋە ئىلمىي كالام تەرەققىياتىغا مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى.
خاۋارىجلار سىياسىي پروگراممىسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى باراۋەر ئىكەنلىكىنى، خەلىپىنى دېموكراتىك يول ئارقىلىق سايلاشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇ مەزھەپنىڭ قارىشىچە، خەلىپىى جىمى مۇسۇلمانلار سايلاپ چىقىشى كېرەك. سايلانغۇچى قۇرەيشلار بىلەن چەكلەنمەسلىكى لازىم. ئېتىقادى چىڭ، ئەقىدە، شەرىئەتكە پۇختا ۋە ھەرىكىتى دۇرۇس ھەر قانداق مۇسۇلمان مىللەت، ئىرق ئايرىماستىن، ھەتتا قۇل ئىكەنلىكىگە قارىماستىن، سايلىنىش لاياقىتىگە ئىگە بولىدۇ. خەلىپە <ئاللانىڭ يولى> غا مۇتلەق ئەمەل قىلىشى، ھەممە مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىسا، ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىش، ھەتتا ئۆلتۈرۈۋېتىش لازىم. ئۇلار ئۇمەۋىيە سۇلالىسى ۋە ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ ئاقسۆڭەكلەر دېكتاتۇرىسىغا قارشى تۇردى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەۋلادى خەلىپە بولالايدۇ، دەيدىغان تەشەببۇسقىمۇ قارشى تۇردى. ئۇلار ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى ۋە ھەزرىتى ئۆمەردىن ئىبارەت ئىككى خەلىپىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇلار ئىپتىدائىي ئىقتىسادىي باراۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەشەببۇس قىلىپ، يەر ۋە غەنىمەتلەرنى ھەممە مۇسۇلمانلار ئارىسىدا باراۋەر تەقسىم قىلىشنى، قۇللۇق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەرغىب قىلغانلىقتىن <ھەربىي دېموكراتىيىچىلەر> دەپ ئاتالدى. لېكىن، بۇ مەزھەپ سىياسىي قارىشى ۋە ئەقىدىسىنى ياقلىمايدىغان مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇپ، خاۋارىجلار مۇخلىسلىرىدىن باشقا مۇسۇلمانلارنى <ئاللانىڭ يولىدىن ئازغان> مۇرتەدلەر ھېسابلىدى. بۇنداقلار ئاخىرەتتە قۇتقۇزۇپ قېلىنمايدۇ؛ <ئاللانىڭ يولىدىن ئازغانلار> نى ئۆلتۈرگەنلەرگە گۇناھ بولمايدۇ. بەلكى، بۇ مۆمىن بەندىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇپ، <ئاللانى خۇش قىلىدىغان ئىش> ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىدى. شۇڭا بۇ مەزھەپتىكى چېكىدىن ئاشقان تارماقلار ئۇلارنىڭ ئەقىدىسىنى قوللىمايدىغان مۇسۇلمان پۇقرالىرىنى ھەمىشە ئۆلتۈرۈپ، خرىستىئانلارغا، يەھۇدىيلارغا ۋە ئاتەشپەرەسلەرگە كەڭچىلىك قىلدى، غەيرىي مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈشنى چەكلىدى.
دىنىي ئەقىدە جەھەتتە خاۋارىجلار تەقۋادارلىقى چىڭ مەزھەپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشى زەيدىيە، مۇئتەزىلىيەرلەرنىڭكى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ مەزھەپ شۇنداق دەپ قارايدۇكى، ئاللا بىردۇر. شەكىلسىز، سايىسىزدۇر، ئاللاغا ئىخلاس قىلىش ۋە سادىق بولۇش كېرەك. ئاللادىن ھەر قانداق گۇمانلىنىش ۋە ئىككىلىنىش چوڭ گۇناھ بولىدۇ، مۇرتەدلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇنداقلارنى بۇ دۇنيادا قاتتىق جازالاش لازىم. ئۇنداقلار ئۆلگەندىن كېيىن، دوزاخقا چۈشىدۇ. بۇ مەزھەپنىڭ قارىشىچە، <قۇرئان كەرىم> نىڭ 12 - سۈرىسى (سۈرە يۈسۈف) يارىتىلغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا سۈرە - ئايەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاللانىڭ سۆزىدۇر. ئۇلارغا ئەسلىي مەنىسى بويىچە ئەمەل قىلىش كېرەككى، ئۇلارنى خالىغانچە تەپسىز قىلىشقا، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ئېتىقاد بىلەن ھەرىكەتنىڭ ھەمراھ بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. مۇسۇلماندا ئېتىقاد بولۇش كۇپايە قىلمايدۇ، مۇسۇلمان ئېتىقادىنى دىنىي ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلىشى كېرەك، دەپ قارىدى. دىنىي ھەرىكەت بەش پەرزنى، جىھادقا قاتنىشىشنى ۋە شەرىئەت قائىدىلىرىگە ئەمەل قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ قاراپ، <ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش، سادىق بولۇش، ئادىل بولۇش ئېتىقادنىڭ بىر قىسىمى> ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئېتىقادنىڭ پاك بولۇشنى قاتتىق تەلەپ قىلدى. ئىدىيە پاك بولغاندا، تۇتقان روزا، ئوقۇغان نامازنىڭ ساۋابى بولىدۇ، دەپ قارىدى. شۇڭا بۇ مەزھەپنىڭ ئەزالىرى ئېتىقادتا ئىخلاسمەنلىكنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، ئازابنى ئېغىرلاشتۇردى. ناماز ئوقۇش ۋاقتىنى ئۇزارتتى. نامازدا سەجدە قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، پېشانىسىگە قاداق چۈشۈپ كەتتى. شۇڭا <قاداقلىقلار> دەپمۇ ئاتالدى. <قۇرئان كەرىم> نى قىرائەت قىلىپ، جەننەت توغرىسىدىكى سۆزلەرگە كەلگەندە ھاياجانلىنىپ يىغلاپ كېتىدۇ، ئاللادىن ئۆزىگە جەننەت ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ؛ دوزاخ توغرىسىدىكى سۆزلەرگە كەلگەندە نەپسى بوغۇلۇپ، ۋەھىمىدە قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تەقدىر ۋە ئەركىنلىك مەسىلىسىدە بۇ مەزھەپنىڭ بەزى ئاساسلىق تارماقلىرى ئىرادە ئەركىنلىكى بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئادەمنىڭ ئىرادىسى ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىنى بەلگىلەيدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە بەلگىلەيدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. تەقدىرچىلىكنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. بۇ مەزھەپ رىيازەت ۋە نەپسىنى تىزگىنلەشكە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىقتى. مەسلەن، ھاراق - تاماكىنى، ئويۇن - تاماشا پائالىيەتلىرىنى، ساقال ئېلىشنى، مىيتكە ھازا تۇتۇشنى، يالغانچىلىق قىلىشنى، باشقا مەزھەپتىكىلەر بىلەن نىكاھلىنىشنى ۋە ۋارىسلىق مۇناسىۋىتى پەيدا قىلىشنى مەنئى قىلدى.
بۇ مەزھەپ خەلىپە دۆلىتىدىكى ھۆكۈمرانلارغا قارشى ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەشتە ھۆكۈمەتنىڭ باستۇرۇشىغا ۋە زىيانكەشلىك قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن، جايلاردا بۆلۈنۈپ ھەرىكەت قىلدى. سىياسىي، ھەربىي، دىنىي ئىشلاردا ئىچكى جەھەتتە ھەمىشە ئىختىلاپ ۋە زىددىيەت پەيدا بولۇپ، 20 نەچچە تارماققا بۆلۈنۈپ كەتتى. ئۇلار ئەقىدە جەھەتتىمۇ پەرقلىق بولدى. ئەزەرىقە، نەجدىيە، سۇفرىيە، ھەزمىيە قاتارلىقلار بۇ مەزھەپنىڭ ئاساسلىق تارماقلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەزى ئالىملار ئەل ئىبازىيىنىمۇ مۇشۇ مەزھەپنىڭ شۆبىسى دەپ قارايدۇ.