Uyghur主要词典
خاھىش
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئارزۇ، ئۈمىد، ئىستەك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
تەلەپ، تىلەك، ئىستەك، ئارزۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆڭۈل خالىغانلىق تۇيغۇسى.
بالىنىڭ خاھىشىغا قويۇپ بەرسەڭ، ئاخىر ئوچىقىڭنى ئۆرەر. مەيلىڭ بولسا مەيخانا، چىلىم بولسا سەيخانا. قانۇن ھامان شاھنىڭ رايىغا باقار. خەلقنىڭ رايى _ ھەقىقەتنىڭ ئۆزى. بۇ ئىشقا ھېچ رايىم يوق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر ئىش - ھەرىكەتكە كۆڭۈل بېرىش، خالاش تۇيغۇسى.
ياماننى ئىختىيارىغا قويساڭ، بۆككە چىچار. قۇلاقنى نەدىن چىقىرىش قازانچىنىڭ ئىختىيارى. ئېشەك ئۆزۈمنىڭ، ئىككى قۇلىقىنى تاقىلىساممۇ ئۆز ئەركىم. ئۇ مەلىدىن بۇ مەلىگە ئويناي دەپ كەلدىم، مەيلى بارمۇ، مەيلى يوقمۇ سىناي دەپ كەلدىم. ۋاقىت خاھىشىڭغا كۆنمىسە، سەن ۋاقىتنىڭ خاھىشىغا كۆن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
بىرەر نەرسىنى، ئىشنى خالاش، ئىزدەش ۋە ئۇنىڭغا ئىنتىلىش، مايىل بولۇش؛ مايىللىق، ئىستەك، ئارزۇ.
ئۆز خاھىشىنى بىلدۈرمەك.
بىرەر ئىش، بىرەر مەسىلە ھەققىدە يۈز بەرگەن ھادىسە، ئەھۋال.
يامان خاھىش. كاپىتالىستىك خاھىش.