Uyghur主要词典
خاۋ ئارىلى
دۇنيادىكى شەھەرلەر
تىنچ ئوكياننىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىي قىسمىدىكى تۇئاموتو تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئارال. ئورنى جەنۇبىي كەڭلىك ′18°13 بىلەن غەربىي ئۇزۇنلۇق ′140°54 ئارىلىقىدا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 50 كىلومېتر كېلىدۇ. بۇ ئارالدا فرانسىيىنىڭ ئاتوم قوراللىرىنى سىناق قىلىش بازىسى بار. ئاھالىنىڭ كۆپىيىشى ناھايىتى تېز، 1962 - يىلى ئاھالىسى 194 كىشى بولغان بولسا، 1971 - يىلى كوپىيىپ 1268 گە يەتكەن. ئارالدا چوڭ تىپتىكى ئايرودورمى بار.