Uyghur主要词典
خاۋسخوفېر
دۇنيا تارىخى
(1869-1946) گىرمانىيە سىياسىئونى،ميۇنخېندا تۇغۇلغان. ياپونىيەقۇرۇقلۇق ئارمىيە توپچىلار قىسمىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولغان بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيىنىڭ گېنرال مايور دەرىجىلىك ئوفىتسېرى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ميۇنخېن داشۆسى جۇغراپىيە ئلمى ۋە ھەربىي ئىلمى پروفېسسورى بولغان گىتلىر تەختكە چىققاندىن كېيىن، جۇغراپىيە سىياسىي شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرلىقىغا ۋە گېرمانىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. <جۇغراپىيە پولېتىكا ژۇرنىلى> نىڭ باش تەھرىرى بولغان. ئۇ ئەينى زاماندا گېرمانىيە مىلتارىستلىرىنىڭ قىساسچىلىق تەمەسىنى ۋە تاجاۋۇزچىلىق قارا نىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، گېرمانىيە <ياشاش ماكانى> غا ئېھتىياجلىق دېگەننى تەرغىپ قىلغان، قولدىن كەتكەن يەرلەر ۋە مۇستەملىكىلەرنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ياۋروپا - ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ يۈرىكى - دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىىلدىغان ئاچقۇچ دېگەن سەپسەتىگە قوشۇلۇپ، <چوڭ ماكان ئىگىلىكى> نەزەىيىسىنى يەنى گېرمانىيە سانائەت <كارخانىلىرى> نىڭ رولىنى ئوينايدۇ، باشقا دۆلەتلەر بولسا <بۈيۈك گېرمانىيە> نىڭ خام ئەشيا ئىشلەپ چىقىرىدىغان جايى بولىدۇ، دەيدىغان نەزەرىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ نەزەرىيە فاشىست گېرمانىيىنىڭ سىرتقا قارىتا تاجاۋۇز قىلىش ستراتېگىيىلىك ئىدىيىسىنىڭ بىر تەركىبى قىسمىغا ئايلانغان. <تىنچ ئوكيان جۇغراپىيىۋى پولېتكىسى> <جۇغراپىيىۋى پولېتىكىنىڭ قائىدىسى، ماھىيىتى ۋە مەقسىتى>، <مۇداپىئە جۇغراپىيىۋى پولېتىكا> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.