Uyghur主要词典
تېسۇس
دۇنيا تارىخى
يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى بىر قەھرىمان. رىۋايەتلەردىكى ئافىنا شاھى. ئافىنا پادىشاھى ئاگېئۇس بىلەن تلېسېن (جەنۇبىي گرېتسىيىدىكى ئارگولىسقا جايلاشقان) مەلىكىسى ئاترانىڭ ئوغلى. تلېسېن ئوردىسىدا چوڭ بولۇپ، ئانىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە شەمششەر بىلەن ئاياغ كىيىم (دادىسىنىڭ نەرسىلىى) نى ئېلىپ، ئافىناغا قاراپ يولغا چىققان؛ يولدا قاراقچىلارنى يوقىتىپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئاگېئۇس بىلەن كۆرۈشكەن. ئافىنالىقلارنىڭ كرىت ئارىلىدىكى كالا باشلىقى ئالۋاستى (<مىنوس كالىسى>) غا ئوغۇل، 7 قىزنى ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشى (ھەر يىلى ياكى بىر قانچە يىلدا بىر قېتىم) غا دۇچ كېلىپ، ئالۋاستىنى يوقىتىشقا قەتئىي ئاتلانغان؛ مىنۇس شاھىنىڭ مەلىكىسى ئارىئادنېنىڭ يول باشلىغۇچى يىپ توپىنى ئېلىپ، <سىزلىق ئوردا> غا كىرگەن ۋە ئالۋاستىنى ئۆتلۈرۈپ، مەلىكىنى ئېلىپ دۆلىتىگە قايتقان. دادىسى ئۆلگەندىن كېيىن، پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان (ئونىنچى ئەۋلاد شاھ بولغان). يەنە پالۋان ھېراكلېس بىلەن بىللە باشقا ئۇلۇغ ئىشلارنىمۇ قىلغان. تەختتە ئولتۇرغان چېغىدا (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅸ - Ⅷ ئەسىرلەردە، يەنە بىر ئېيتىلىشىچە مىلادىدىن ئىلگىركى ⅩⅢ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا)، ئېيتىشلارغا قارىغاندا مۇنداق ئىككى ئىشنى ئورۇندىغانىكەن: تۆت قەبىلىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئافىنانى مەركەز قىلغان مەركىزىي باشقۇرۇش ئورگىنىنى تەسىسق قىلغان؛ بارلىق ئاھالىنى ئاقسۆڭەكلەر، دېھقانلار ۋە قول سانائەتچىلەردىن ئىبارەت ئۈچ سىنىپقا بۆلگەن. ئادەتتە بۇ <تېسۇس ئىسلاھاتى( ئافىنا دۆلىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، دەپ قارالغان، تېسۇسنىڭ ئۆزى بولسا ئەنئەنىدە تونۇلغان ئافىنا دۆلىتىنىڭ ئاساسچىسىغا ئايالانغان. سكىروس )ئېيگې دېڭىزىنىڭ غەربىي قىسمىدا( دا ئۆلگەن. >سينو ئىكىسىنوس< قارا قاراڭ.