Uyghur主要词典
تېشىلمەك
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<تەشمەك> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
پالتىنىڭ چۇلدىسى بىلەن مۇزنى ئۇرسام، مۇز تېشىلدى.
قاپىرىپ يېرىلماق، سىقىلىپ چىقماق.
يارا تېشىلمەك.
بۇ جەرياندا يىڭنە سانجىلغان بارماقلىرى نەچچە تېشىلىپ، نەچچە ساقايدى.
كۆچمە. مەلۇم بىر ئىش ياكى گەپنىڭ مۇھىم بىر نۇقتىسى ئاشكارىلانماق، مەيدانغا چىقماق.
گەپ تېشىلدى.
ھەممە ئىش شۇنىڭدىن تېشىلدى، نەچچە يۈز بالا بار يەردە نېمىنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولىدۇ.