Uyghur主要词典
تېشىك تاش ئادىمى
دۇنيا تارىخى
تاشقا ئايلانغان قەدىمكى ئادەم. 1938 - يىلى ئۆزبىكىستاننىڭ ھېسار تاغ تىزمىسىدىكى تېشىك - تاش ئۆڭكۈرىدىن تېپىلغان. تېپىلغىنى 8 - 9- ياشلار چامىسىدىكى ئوغۇل بالىنىڭ تاشقا ئايلانغان سۆڭىكى، ئۇنىڭدا باش سۆڭەك، شۇنىڭدەك يوتا سۆڭىكى پاقالچاق سۆڭىكى، كىچىك پاقالچاق سۆڭىكى، يۇقىرى بىلەك سۆڭىكى، ئومۇرتقا سۆڭىكى ۋە يانپاش سۆڭىكى قاتارلىق سۆڭەك پارچىلىرى بار. مەدەنىيەت جەھەتتە كونا تاش قورال دەۋرىنىڭ موست دەۋرىگە تەۋە.تەن خۇسۇسىيىتى: مېڭە سىغىمى چوڭ، 1490 مىللىلىتىر؛ قاپىقى كۆتۈرۈلگەن، ماڭلىيى يانپاش، باش سۆڭىكى ئېگىز ئەمەس، ئېڭەك تومپىلىقى كەم، تېشىك - تاش ئادىمىنىڭ تېپىلىشى ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ قەدىمكى ئادەملەرنىڭ بارلىقىنى چۈشۈندۈرۈپ بېرىدۇ.