Uyghur主要词典
توئىكوگې كاتافۇتاتسۇ
دۇنيا تارىخى
(1883 -1948) ياپونىيە ھەربىي ئىشپىيونلىرىنىڭ باشلىقى، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ گېنرالى. ئۇرۇش جىنايەتچىسى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. جۇڭگودا ئۇزاق مۇددەت جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1928 - يىلى فېڭتيەن ھەربىي ۋالىيسىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. 1931 - يىلى فېڭتىيەندە تۇرۇشلۇق جاسۇسلۇق ئورگىنىنڭ باشلىقى بولغان. <18 - سىنتەبر> ۋەقەسىنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن، قورچاق مانجۇرىيىنى ئويدۇرۇپ چىقارغۇچى باش جىنايەتچىلەرنىڭ بىرى. 1933 - يىلى فېڭتىيەن جاسۇسلۇق ئورگىنىنىڭ باشلىقلىقىغا قايتىدىن تەيىنلىنىپ، شىمالىي جۇڭگودىكى بەش ئۆلكىدە <مۇختارىيەت> سۇيقەستىنى پىلانلىغان. 1935 - يىلى جۇڭگونى <چېن دېچۈن - توئىكوگې كېلىشىمى> نى ئىمزالاشقا زورلىغان. <7- ئىيۇن> ۋەقەسىدىن كېيىن، چوڭ لاگېرغا بىۋاستە قاراشلىق <توئىكوگې ئورگىنى> نى قۇرۇپ، ۋۇپېيفۇنى ئۆزىگە تارتىپ، ۋاڭ جىڭۋېينى تىكلەپ، قورچاق ھاكىمىيەت پەيدا قىلغان. جۇڭگو خەلقى ئۇنىڭغا <باندىتلار مەنبەسى> دەپ نام بەرگەن. 1941 - يىلى 6 - ئايدا ھاۋا قاتنىشىنىڭ باش نازارەتچىسى بولغان، 9431 - يىلى 5 - ئايدا شەرقىي قىسىمنىڭ قوماندانى بولغان. ئىككىنچى يىلى 3 - ئايدا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا تاجاۋۇز قىلغۇچى 7 -يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1945 - يىلى 4 - ئايدا يۆتكىلىپ مائارىپ باش نازارەتچىسى بولغان. كېيىن 12 - يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە بىرىنچى باش جۈننىڭ قوماندانى بولغان. ياپونىيە تەسلىم بولغاندىن كېيىن، بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى سۈپىتىدە قولغا ئېلىنغان. 1948 - يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن دارغا ئېسىش جازاسى بىرىلگەن.