Uyghur主要词典
توبا فۇشىمى ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
ياپونىيىنىڭ ۋۇچېن يىلى ئۇرۇشىدىكى تۇنجى قېتىملىق جەڭ. ئوسېيفۇككو يارلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، توكۇگاۋا يوشىنوبۇ ئوساكاغا قېچىپ بېرىپ قورال كۈچى بىلەن قاراشلىق كۆرسىتىشكە تەييارلانغان. 1868-يىلى 1-ئاينىڭ (مەمەرىيە ھېسابى) باشلىرى 15 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ئوساكادىن كىيوتوغا ئەۋەتكەن. 3-كۈنى كىيوتونىڭ جەبۇبىدىكى توبا، فۇۇشىمى دېگەەن يەرلەردە بۇ قوشۇن ھۆكۈمەت ئارمىيىسىنىڭ 4500 كىشىلىك قىسمى بىلەن كەسكىن ئېلىشىپ، پاجىئەلىك مەغلۇپ بوغان. توكۇگاۋا يوشىنوبۇ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئوساكادىن ئېدوغا قېچىپ كەتكەن.