Uyghur主要词典
تەيېي جامەسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ مەسچىت تەيۋەن ئۆلكىسىنىڭ تەيبېي شەھىرىدىكى لىشۈي كوچىسىدا بولۇپ، « لىشۇي كوچىسىدىكى مەسچىت » دەپمۇ ئاتالغان. بۇ مەسچىتنى تەيۋەنلىك مۇسۇلمان سودىگەرلەردىن چاڭ زىچۈن، جېن خۇ رېنلار 1948 _ يىلى پۇل چىقىرىپ، ياپونچە كونا بىنانى ئۆزگەرتىش ئاساسىدا سالدۇرغان. تەيۋەندىكى « جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى » نىڭ كېڭەش باشلىقى شى زىجۇ، مەسچىتنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى چاڭ زىرۇڭ قاتارلىق كىشلەر 1958 _ يىلى مەبلەغ توپلاشنى باشلاپ، يەر سېتىۋېلىپ، مەسچىتنى قايتا سالدۇردى. بۇ مەسچىت 1960 _ يىلى مۇشۇ ئورۇنىدا پۈتكۈزۈلدى. مەسچىتنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى مىڭ كۋادرات مېتىر. مەسچىت شەرققە قارىتىلىپ، غەربىي ئاسىيادىكى ئىسلام ئۇسلۇبىدا سېلىنغان. ئەگمە دەرۋازا بىناسى، ئەزان مۇنارى، نامازخانا، مېھمانخانا، ئىمام ئۆيى، مۇستەھەپخانا ئازادە _ يورۇق بولۇپ، مىڭغا يېقىن ئادەم بىللە ناماز ئوقۇيالايدۇ. بۇ مەسچىت تەيۋەندىكى مەسچىتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.