Uyghur主要词典
توپ
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
1. ئىچىگە يەل بېرىلگەن شار شەكىللىك ئويۇنچۇق، پوڭزەك.
تىكتاك توپ.* پەي توپ.* سۇ توپ.* چويۇن توپ.* توپ ئوينىماق.* توپ تەپمەك.* توپ مەيدانى.* توپ سېتكىسى.* يېقىندا تىكتاك توپ مۇسابىقىسى بولدى.
2. توپ ئويۇنلىرىدا ئۇتقان توپنى ھېسابلايدىغان بىرلىك . پەي توپتا بىز تەرەپ ئاۋۋال ئالتە توپ ئۇتۇۋىدى، كېيىن قارشى تەرەپ يېتىشۋالدى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
زەمبىرەك
زىنت توپ.* توپ ئوقى.* توپ ئاتماق.* توپقا تۇتماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
بىر يەرگە توپلاشقان كىشلەر گۇرۇھى، ھايۋانلار، قۇشلار بۆلىكى.
توپتىن ئايرىلغاننى بۆرە يەر ( ماقال ).* توپقا قاراپ تاش ئاتما ( ماقال ).* توپ توپقا يىقىلار، يالغۇز ئازگالغا ( ماقال ).* بۇقا ئايرىلسا، مۈڭگۈزىدىن ئايرىلار ( ماقال ).
ئاھاڭداش سۆزلەر
مىقدار سۆز
1. رەختلەرنىڭ بىر ئۆلچەمدە ئورالغان باغلىمى.
بىر توپ چىت، بەش توپ تاۋار.
2. ئومۇمەن توپلانغان نەرسە. بىر توپ ئۆردەك.* توپ _ توپ ئادەملەر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
توپ ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر خىلى. ئىككى تەرەپ بولۇپ ئوينايدۇ، توپنى تېپىپ قارشى تەرەپنىڭ ۋاراتاسىغا كۆپ كىرگۈزگەن تەرەپ ئۇتىدۇ.
جۇڭگو قىزلار پۇتبول كاماندىسى يىقىندا ئۆتكۈزۈلگەن پۇتبول مۇسابىقىسىدا دانىيە قىزلار پۇتبول كوماندىسى بىلەن ئويناپ 2=2 توپ بىلەن تەڭ بولدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شار شەكىللىك، ئىچىگە يەل توشقۇزۇلغان ئويۇنچۇق؛ تەنتەربىيە سايمىنى، تۈرى كۆپ بولىدۇ. « پومزەك » ئىلى شېۋىسىدە كۆپرەك ئىشلىتىلىدۇ.
توپ ئوينايدىغاننى توپ ئۆزى تاپار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چوڭ كالبېرلىق، يىراققا ئاتىدىغان جەڭ قورالى.
زەمبىرەك زۇۋانغا كىرگەندە، مۇنازىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتەر. كۇمۇتىغا توپتىن ئوق ئاتما.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
مال - تاۋانى پۈتۈن ئالماق - ساتماق ئىشى. ئۈلگۈجە باھا، توپ باھا
پارچە
مال - تاۋانى بۆلەپ - بۆلەپ ئېلىش - سېتىش ئىشى. پارچە باھا
مال - تاۋارلارنى ئۈلگۈجە ساتىدىغان ماگىزىنلار كۆپەيدى. ئۇ توپ ئېلىپ، پارچە سېتىپ سودىگەرچىلىك قىلىۋاتىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
بىر خىل يېمەكلىك.
بۇغداي سۇدا قاينىتىلىدۇ، ئاندىن ئارپا خېمىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، قاچىغا سېلىنىپ، ئىسسىق يەردە بولدۇرۇلىدۇ، بولغاندىن كېيىن ئېلىپ يېيىلىدۇ.
1 - 417
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
توپ، پوڭزەك.
بۇ « توپىق» سۆزىنىڭ قىسقارتىلمىسى.
3 - 164
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
جەمئىي، ھەممىسى
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
توپ - پارس تىلىدىن كەلگەن ئۆلچەم بىرلىكىنىڭ نامى بولۇپ، ئادەتتە ئوراپ تېڭىلغان، ئۆلچەملىك قاتلانغان رەخت، قەغەزگە قارىتىلىدۇ. ئىلگىرى بىر توپ تەخمىنەن 30 مېترغا تەڭ بولغان.
شۋېتسىيىلىك ئېكىسپېدىتسىيىچى فولك بېرگمان (1928 - 1934 - يىللىرى شىنجاڭدا ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشقا قاتناشقان) بىلەن سىۋېن ھېدىنلار قەدىمكى شىنجاڭدا بىر توپ يىپەك رەختلىك قانچىلىك ئۇزۇنلۇقتا بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلىپ كۆرگە: رەختكە يېزىلغان بىراھما يېزىقىدىكى خەتنى ئاۋرېل بويىر <saparhsa gisti patf aistasya> دەپ ئوقىغان. بويىر ئۇنىڭ مەنىسىنى <بىر پارچەaista رەخت، gisti 46> دەپ يېشىدۇ. پروفېسسور لودىس pata دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى <يىپەك مال توپى> دېگەن بولىدۇ. (سانسكرىتچىدە patta دەپ يېزىلىدۇ. بۇ سۆز ئوتتۇرا ئاسىيا قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە دائىم ئۇچرايدۇ) saparisa دېگەن سۆز Caparisa دەپ ئوقۇش كېرەك دەپ تۈزەتكەن. ئۇنىڭ مەنىسى <40> دېگەنلىك بولىدىكەن. gisti ئەسلىدە Disti بولۇپ، شىنجاڭدىكى قارۇشتى يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەردە قانۇنىيەتلىك ھالدا بىر ئۆلچەم بىرلىكىنى بىلدۈرگەن. فولك بېرگمان: <روشەنكى ئۇ جۇڭگونىڭ چىزىسى. ھىندى تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. دېمەك، قەدىمكى شىنجاڭدا يىپەك مال توپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 40 چى بولۇشى كېرەك. بۇ قەدىم زامان يىپەك ماللارنىڭ ئۆلچەملىك ئۇزۇنلۇقى، ئۆلچەملىك كەڭلىكى بولغانلىقىدا شەك يوق> دەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. ئوراپ تېڭىلغان، ئۆلچەملىك قاتلانغان ياكى تىزىپ دەستىلەنگەن گەزلىمە، قەغەز قاتارلىقلارنىڭ ھەربىر بولىقى ۋە دۆۋىسى.
فابرىكا ئۇزۇنغا بارمايلا پۈتۈپ، ئۆزىنىڭ بىرىنچى توپ رەختىنى ئىشلەپچىقاردى.
ئى. بىر يەرگە يىغىلغان كىشىلەر، ھايۋانلار، قۇشلار ۋە ئۇلارنىڭ ئايرىم - ئايرىم ئۇيۇشقان بۆلىكى.
يىراقتىن باغقا قاراپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن چاڭ - توزان بىىلەن كىشلەر توپى كېلەتتى.
ئى. بىرەر مەقسەت بىلەن ئۇيۇشقان كىشىلەر گۇرۇپپىسى.
مەخسۇت بەگنىڭ كىچىككىنە باندىتلىق توپى قۇرغانلىقى ئۇلارغا ئايان ئىدى.
سۈپ. يىغىلغان، ئۇيۇشقان.
توپ بۇلۇت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
شار شەكلىدىكى تەنتەربىيە قورالى.
ۋالىبول توپى. پۇتبول توپى. چويۇن توپ. چويلا توپ.
توپ ئويۇنلىرىدىكى نەتىجىنى ھېسابلاشتا قوللىنىلىدىغان بىرلىك.
1 - مايدا، ياشلار كوماندىسى تۆت توپ ئۇتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
چوڭ كالبىرلىق زەمبىرەك.
ئۇلارنىڭ قوشۇنىدا ئات سۆرەيدىغان چوڭ توپلار ناھايىتى كۆپ ئىدى.