Uyghur主要词典
توختاتماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
باشلىغان ئىش - ھەرىكەتنى ئورۇنلاپ بولماق، ئاخىرىغا يەتكۈزمەك.
باشلىماق
بىرەر ئىش - ھەرىكەتنى ئىجرا قىلىشقا دەسلەپ كىرىشمەك.
باشلاشنى بىلسەڭ، ئاياغلاشتۇرۇشۇڭ ئوڭاي. ھاراق ئىچىش - سەلتەنەت بىلەن باشلىنار، جەڭ - جېدەل بىلەن ئاخىرلىشار. بوران باشلانسا، داستىخان تاماملىنار. ئىشلىقنىڭ ئىشى پۈتەر، ئىشسىزنىڭ كۈنى ئۆتەر. باشلىغان ئىشنى تۈگەتمەي تاشلىما. ئىشنى باشلىساڭ ئەگەر، تىرىشىپ ئىشلە پۈتكەنگە قەدەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<توختىماق> پېئىلىنىڭ مەجبۇرىي دەرىجىسى.
ئۇ دەرھال ئېتىنى توختاتتى.
بېكىتمەك، بەلگىلىمەك.
ئۇچرىشىش ۋاقتىنى ئۈچ كۈندىن كېيىنگە توختاتساق.
ۋەزىپە ئۆتەشتىن چەكلىمەك، قالدۇرماق.
ئۇلار مەنسۈرنى شۇجىلىقتىن ۋاقىتلىق توختاتتى.
تۇرغۇزماق، ئىشلەتمەك.
ئۆيدە بالا باققۇچى توختىتايلى دېسەك، سېنىڭ مائاشىڭنىڭ يېرىمى كېتىدۇ.
كۆچمە. باسماق، تۇتماق.
ئۇنىڭ گەپ - سۆزلىرىدىن ئۆزىنى خېلى توختاتقان ئادەملىكى بىلىنىپ تۇراتتى.