Uyghur主要词典
توجو ھىدېكى
دۇنيا تارىخى
(1884 - 1948): ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى (1941 - 1944). قۇرۇقلۇق ئارمىيە گېنرالى. ئۇرۇش جىنايەتچىسى.1915 - يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. 1935 - يىلى 9 - ئايدا كانتون ئارمىيىسىنىڭ ژاندارما قوماندانى بولغان. 1937 - يىلى 3 - ئايدا كانتون ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى بولغان، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدىكى خەلقنىڭ ياپونغا قارشى كۈرىشىنى رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرغان. <7 - ئىيۇل> ۋەقەسىدىن كېيىن، قوشۇن تارتىپ جۇڭگونىڭ چېڭدې، جاڭجياكۇ، داتۇڭ قاتارلىق جايلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. 1938 - يىلى 5 - ئايدا قۇرۇقلۇق ئارمىيىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى بولۇپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنىئاكتىپلىق بىلەن كېڭەيتكەن. 1940 - يىلى 7 - ئايدا 2، 3 - نۆۋەتلىك كونوئى ئىچكى كابىنېتىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى بولۇپ،جۇڭگودىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە قارشى تۇرۇپ، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1941 - يىلى 10 - ئايدا كابىنېت تەشكىل قىلغان، قوشۇمچە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ۋەزىرى، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى بولغان. 12 - ئايدا تىنچ ئوكيان ئۇرۇشىنى قوزغىغاندىن كېيىن، يەنە قوشۇمچە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى، مەمۇرىي ۋەزىر، سودا - سانائەت ۋەزىرى بولغان. 1943 - يىلى 11 - ئايدا ھەربىي لازىمەتلىكلەر ۋازارىتى قۇرۇلغاندا ئۆزى ۋەزىر بولغان. 1944 - يىلى 2 - ئايدا يەنە قوشۇمچە شتاب باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاكىممۇتلەقلىق يۈرگۈزۈپ، دۆلەت ئىچىدە ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلىشنى پىلانلىغان. كېيىنچە ئۇرۇش ۋەزىيىتى پايدىسىز بولۇشى تۈپەيلىدىن، مۇھىم ۋەزىرلەر بىلەن دېڭىز ئارمىيىسى قاتارلىقلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. 1944 - يىلى 7 - ئايدا ئىچكى كابىنېت يىقىلغان. ياپونىيەتەسلىم بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسى ئۇنى بىرىنچى دەرىجىلىك ئۇرۇش جىنايەتچىسى ھېسابىدا قولغا ئالماقچىبولغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالماقچى بولۇپ، مەقسىتىگە يىتەلمىگەن. 1948 - يىلى يىراق شەرق خەلقئارا ھەربىي سوتى تەرىپىدىن دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈش جازاسى بېرىلگەن.