Uyghur主要词典
توتىلا
دۇنيا تارىخى
(؟ - 522) شەرقىي گوتلار پادىشاھى (541 - 552)، تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئىتالىيىگە كەڭ كۆلەمدە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، ئەمىر - پەرمان جاكارلاپ، قۇللار ۋە مەدىكارلارنى قويۇپ بېرىپ، رىم ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ يەرلىرىنى مۇسادىر قىلىپ،باج - سېلىق ۋە ھاشار - سەيسىنى ئازايتقان. قۇللار، مەدىكارلار ۋە شەھەر كەمبەغەللىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، مىلادى 542 - 551 -يىللىرى ۋىزانتىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ،دېگۈدەك پۈتۈن ئىتالىيە يېرىم ئارىلىنى قايتۇرۇۋالغان، يەنە سىتسىلىيە، كورسىكا، ساردىنىيىلەرگىمۇ ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن. ۋىزانتىيە پادىشاھى جۇستىنىئانۇس نارسېنى قوشۇن باشلاپ بېرىپ ياردەم قىلىشقا ئەۋەتكەن. 552- يىلى تاگىنائې (قەدىمكى زاماندىكى بىر كەنت، ئىتالىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان) ئۇرۇشىدا، توتىلا يارىلىنىپ ئۆلگەن. <شەرقىي گوت پادىشاھلىقى> غا قاراڭ.