Uyghur主要词典
توتېمىزم
دۇنيا تارىخى
ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى دىن شەكىللىرىنىڭ بىرى.ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى بەكمۇ تۈۋەن بولغان شارائىتتا، كىشىلەر تەبىئەت دونياسىدىكى كۆپلىگەن ئوبيېكت ياكى ھادىسىلەرنى ئادەملەشتۈرۈپ ياكى ئىسلاھلاشتۇرۇپ، بۇلارغا چوقۇنغان .كۆپىنچە كىشلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۇرمۇشى بىلەن قويۇق مۇناسىۋىتى بولغان قۇياش، ئاي، يۇلتۇز، تاغ دەريا، تۇپراق، ئوت، تاش قاتارلىق نەرسىلەرنى چوقۇنۇش ئوبيېكتى قىلىپ، بۇنىڭغا يەنە دائىم بەلگىلىك مۇراسىملارنى قوشقان. ئوخشاش بولمىغان رايۇنلارنىڭ چوقۇنۇش ئوبيېكتلىرىمۇ ئوخشاش بولمىغان. ئالايلۇق، تېرىقچىلىققا مۇۋاپىق كېلىدىغان رايونلاردا تۇپراق ۋە دەريالار ئاساسلىق چوقۇنۇش ئوبيېكتى بولۇپ قالغان . ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن سىنىپىي جەمئىيەتكە ئۆتۈش مەزگىلىدە تەبىئەتكە چوقۇنۇشتىكى بەزى ئوبيېكتلار بارابارا ئىجتىمائىي تۈس ئېلىپ، تەبىئىي ئىلاھلار ئادەملەشتۈرۈلگەن ئىجتىمائىي ئىلاھلارغا، ئالايلۇق، قۇياش ئىلاھى، سۇ ئىلاھى، تاغ ئىلاھى، ئوت ئىلاھى، چاقماق ئىلاھى قاتارلىقلارغا ئايلاندۇرۇلۇپ، ھۆكۈمران سىنىپلار تەرىپىدىن پايدىنىشقا باشلىغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى ئەڭ دەسلەپكى بىر خىل دىنىي ئېتىقاد. ئۇ تەخمىنەن ئۇرۇق جامائەسى بىلەن بىللە پەيدا بولغان. قەدىمكى ھەربىر ئۇرۇق كىشىلىرى ئۆزلىرىنى مەلۇم ھايۋان، ئۆسۈملۈك ياكى جانسىز ماددىلار بىلەن قانداشلىق ياكى باشقا ئالاھىدە مۇناسىۋەتكە ئىگە دەپ قارىغان ۋە ئۇلارغا شۇ ئۇرۇقنىڭ قوغدىغۇچىسى ۋە سىموۋولى سۈپىتىدە چوقۇنغان. بۇ خىل ئېتىقاد ئەينى ۋاقىتتا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ساقلانغان بولۇپ، ھازىرمۇ بەزى قەبىلە ۋە مىللەتلەر ئارىسىدا ئۇچرايدۇ.