Uyghur主要词典
تىنچسىزلىق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
جەڭگى - جېدەل بولۇپ تۇرغان، قالايمىقانچىلىق ئەۋج ئالغان ھالەت.
تىنچلىق، ئامانلىق، ئېسەنلىك، تىنچ - ئامانلىق، ئامان - ئېسەنلىك
جەڭگى - جېدەلسىز، بەخىرامانلىق، ساق - سالامەتلىك، خاتىرجەملىك ھالەت.
تەڭگىدىن تېنچلىق قىممەت. ئەل ئامانلىقنى تىلەر، دۈشمەن يامانلىقنى. ئېسەنلىك يادىڭدا بولسا، يامانلىقتىن ساقلىنىسەن. تىنچ - ئامانلىق سوراشماق ئەدەبتىنلا ئەمەس، ئىنساپتىن. ئامان - ئېسەنلىك ئەڭ زور دۆلەت. بېشىدىن مالىمانچىلىق ئۆتمىگەن تىنچلىقنىڭ قەدرىگە يەتمەس. پاراكەندىچىلىك غۇربەتچىلىككە باشلايدۇ. بىر ئۆيگە ئوغرى كىرسە، ئون ئۆيدە ئەنسىزچىلىك. تىنچسىزلىق ھۆكۈم سۈرسە، قالايمىقانچىلىق ئەۋج ئالىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تىنچلىقى يوقالغان، تىنچسىز ھالەت؛ تەشۋىش.